• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﻣﺪﯗ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:45 13-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ.

    ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺋﻪﺭ- ﺧﻮﺗﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻱ،ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ. ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﻪﺭ -ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ ﻗﯩﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺯﯗﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﺌﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ.

    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺳﺎﻕ-ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺳﯩﺮﺗﻼﺭﺩﺍ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺟﺎﻥ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭ- ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﻗﻪﺳﺘﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺟﻪﻣﯩﺌﻴﻪﺗﻜﻪ ﺯﻭﺭ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ.

    ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ- ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

    ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ، 3-ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺋﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻘﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ 3-ﺷﻪﺧﺲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ.
    «شىنخۇا تورى»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى