• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ 27 ﺧﯩﻞ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:30 12-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﺍ، ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ، ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 6 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﯧﺮﻛﯧﻠﯧﻲ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ 27 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ، ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﺵ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ 2185 ﯞﯨﺪﯨﺌﻮﻧﻰ ﻳﯩﻐﻘﺎﻥ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ 5 ﺳﯧﻜﯘﻧﺘﺘﯩﻦ 10 ﺳﯧﻜﯘﻧﺘﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ، ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺵ، ﺑﻮﯞﺍﻗﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ، ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯚﻟﯜﺵ، ﺋﯚﻣﯜﭼﯜﻙ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﭘﻪﺕ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ 800 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻐﺎ 30 ﯞﯨﺪﯨﺌﻮﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﺯﻏﺎﻥ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ 27 ﺧﯩﻞ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ، ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪﺍ، ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ، ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺶ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﯘﺷﻠﯘﻗﻰ، ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪﻳﻤﯩﻨﯩﺶ، ﺋﻮﯕﺎﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ، ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﺶ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﺵ، ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﮬﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ،ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ، ﻛﻮﻧﺎ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ، ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ، ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯗﺵ، ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﮬﻪﯞﻩﺱ، ﮬﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ «ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎدېمىيەسى ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ» ﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ، 27 ﺗﯜﺭﻟﯜﻕ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻨﯩﯔ ﯞﯨﺪﯨﺌﻮﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﯩﻨﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ, ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.

    ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﻳﻘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ «ﺗﻪﻧﮭﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﺍﻝ» سۈپىتىدە ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ.

    «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى