• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﯧﮕﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻗﻠﯩﺘﯩﺪﯗ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:26 12-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1. ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ. ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯧﺠﻪﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﻏﻼﺭ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﯞﻩ ﻛﺎﺭﺑﻮﻥ-ﺳﯘ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻍ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﻟﯩﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﻣﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ.

    ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺳﯜﺕ 86 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﺎﻳﻤﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﯜﺕ 150 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺳﯘﺩﺍ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﻨﯘﺱ ﺑﯧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 66 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﺎﻳﺪﺍ ﻗﻮﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﻨﯘﺱ ﺑﯧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 110 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ. ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭘﯩﺸﻼﻕ ﯞﻩ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺳﺎﻻﺕ ﻗﯩﻴﺎﻣﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺯﺯﯨﻠﯩﻚ ﺗﻪﻡ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    2. ﺳﯘ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺗﯚﯞﻩﻥ، ﻣﯧﯟﻩ، ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ، ﺷﻮﺭﭘﺎ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﻛﻮﻟﻼﮔﯧﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ %80~%90 ﻛﯩﭽﻪ ﺳﯘ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﯧﺘﯩﻖ، ﺑﺎﻗﺎﻟﻰ، ﺗﯘﺧﯘﻡ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﭼﯚﭘﻰ، ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯘ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، %60~%75 ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ.

    ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﺭﻩﻙ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ 110 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺗﻮﻳﯘﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻨﻪ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻟﯜﺵ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻻﺕ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ 225 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻟﯜﺵ ﺗﻮﺧﯘ ﮔﯚﺷﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺳﺎﻻﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ 550 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ, ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    3. ﻗﻮﻻﻱ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ. ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﻗﻮﻻﻱ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﻳﺪﯗ. ﻗﻮﻻﻱ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﻻﻱ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ, ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﺎﻣﺒﯘﺭﮒ ﺑﻮﻟﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﻗﻪﻟﻪﻣﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﺪﺍ-ﺳﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺵ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻳﺪﯗ.

    ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻗﻮﻻﻱ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﻮﺧﯘ ﮔﯚﺷﻰ، ﻗﯩﻴﺎﻡ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻻﺕ، ﻛﺎﺭﺭﻯ ﻗﯩﻴﺎﻣﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﻗﻪﻟﻪﻣﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﯧﯟﻩ ﭘﺮﻭﮊﻧﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﻻﻱ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﯘﺭ. ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﻮﺧﯘ ﮔﯚﺷﻰ ﺷﻮﺧﻼ ﺳﺎﻧﺪﯨﯟﯨﭽﯩﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ 320 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺴﻘﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﻮﺵ ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﯩﺸﻼﻕ ﺑﻮﻟﻜﯩﺴﯩﺪﺍ 920 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ. ﻗﻮﻻﻱ ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﻳﺪﺍ ﻗﻮﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺗﺎﻟﻼﺵ، ﺳﯜﺭﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    4. ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ. ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻜﺎ، ﺳﺎﭖ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯘﻧﻰ، ﺗﻮﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ﮔﯜﺭﯛﭺ، ﺳﯘﻟﯘ ﯞﻩ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺗﻮﺭﺗﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ. ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺗﺎﻻ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻼﺭ بار ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﻮﻳﯘﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺋﯘﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ, ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﻪ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

    ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﻗﻪﻟﻪﻣﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻗﻮﻧﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﻠﺪﯗﺭﻣﯩﺴﻰ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ، 65 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻕ ﺋﯘﻥ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻥ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى