• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:48 12-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ نۇرغۇن ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ 100 ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﻠﯩﻖ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻼﺭ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

    Versius ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﻮﻗﯘﻕ ﺗﯜﺯﻩﺵ، ﺑﻮﻏﻤﺎﻕ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﯞﻩ ﺗﯜﺯ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ، ﻗﯘﻻﻕ، ﺑﯘﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﻳﯘﺗﻘﯘﻧﭽﺎﻕ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴەﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺩﻩ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﻛﻪﺳﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺗﯧﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﻛﺎﻣﺒﺮﺝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺑﯚﻟﯜﻡ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻻﻱ، ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﺠﺮﺍئىيە ئەمەلدارى ﻣﺎﺭﺗﯩﻦ ﻓﻮﺭﺳﺘﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    ﻛﺎﻣﺒﺮﺝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﻟﯘﻙ ﺧﺎﺭﯦﺴﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﻮﯓ- ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﻐﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯚﺕ ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﻛﯚﭖ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ، ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺧﺎﺭﯦﺴﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ، ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﺎﺭﭼﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﺑﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﯩﻼ، ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﻛﺎﻣﺒﺮﺝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ 4 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، 2024-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ 20 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺳﯜﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى