• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    16 ﻻ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:45 12-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ «ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﻧﯩﯔ 6-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺷﯟﯦﻴﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ 600 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭘﻪﻗﻪﺕ 16 ﻻ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    ﺷﯟﯦﻴﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ Corippo ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯩﺘﯩﺴﻨﻮﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﮭﺮﻯ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ ﻛﯚﭼﯜﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯜﭺ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺮﯨﺸﻘﺎﻥ.

    ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﻣﯩﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﻟﺐ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

    ﺗﯩﺘﯩﺴﻨﻮﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ Elia Frapolli ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ- ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺪﯨﻦ ﺯﯦﺮﯨﻜﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﺩﯗﻛﺎﻥ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﻮﻕ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪﺭ 60 ﺗﻪﻙ ﺗﺎﺵ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺵ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 50-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    Frapolli ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ئەھۋالدا، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺴﻪﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﻤﯩﺰ.
    ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮ 16 ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻼ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 15 ﻛﯩﺸﻰ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ, ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺴﻤﻰ Claudio Scettrini ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    ﺑﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ 60 ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻱ ﺗﺎﺵ ﺋﯚﻱ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯩﺮﺍﺳﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﺵ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﯨﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﻪﺯﻯ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﻤﯘ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﺎﺵ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: ﺑﯘ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺰ ﻗﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﻟﯩﺐ ﻗﯩﻠﻐﯘﻣﯩﺰ ﺑﺎﺭ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ.

    «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى