• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺳﻜﻮﺩﺍ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:42 12-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2007-ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺳﻜﻮﺩﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، 134 ﻣﯩﯔ ﺩﺍﻧﻪ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰﺗﺎﺭﺗﺘﻰ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ 100 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺳﻜﻮﺩﺍ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﭼﯩﻘﺎﻳﻠﻰ.

    1894-ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯧﺦ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﯨﻴﻪ- ﯞﯦﻨﮕﺮﯨﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴەﺴﻰ (1867-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1918-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ)ﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﯞﯦﻨﺴﯧﺴﻼﺱ ﻛﻠﯧﻤﯧﻨﺖ ﯞﯦﻠﯩﺴﯩﭙﯩﺖ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻮﺭﻻﺷﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﭼﯩﺦ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﯞﯦﻠﯩﺴﯩﭙﯩﺖ ﻳﺎﺳﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﯘ ﺗﺎﻻنتلىق ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ ﯞﯦﻨﺴﯧﺴﻼﺱ ﻻﺋﯘﺭﯨﻦ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﭼﯧﺨﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﯞﯦﻠﯩﺴﯩﭙﯩﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺳﻜﻮﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ- ﻻﺋﯘﺭﯨﻦ ﯞﻩ ﻛﻠﯧﻤﯧﻨﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ L&K ﺩﻩﭖ ﺋﺎتالغان.

    ﯞﯦﻠﯩﺴﯩﭙﺘﺘﯩﻦ ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺘﻘﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ.

    ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯞﯦﻠﯩﺴﯩﭙﺘﻼ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻪﻥ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ L&K ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ، 1899-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻳﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯧﺨﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻛﻠﯧﻤﯧﻨﺖ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺖ ﺳﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺋﯘ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ, ﺋﯜﭺ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﺎ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺖ ﻣﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ، 150 ﻣﻮﺗﺴﯩﻜﻠﯩﺖ ﺳﺎﺗﻘﺎﻥ.

    ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﺶ.

    1905-ﻳﯩﻠﻰ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ «Slavia» ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﭼﯧﺦ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ «ﻗﯘﻝ» ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯧﺦ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﺎﺭ- ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ «ﺳﻜﻮﺩﺍ ﭘﺎﺭﺳﻮﻥ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ»ﻏﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ «ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ»ﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﯟﯨﺘﻠﯩﻖ ﺭﻩﺧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺰﻩﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺭﻭﻟﻠﯩﺲ ﺭﻭﻳﯩﺴﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.

    ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻜﻮﺩﺍ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻱ, ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.

    ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭼﯧﺨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﻜﻮﺩﺍ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﯩﻤﺎﺏ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﻗﻮﺷﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ. ﮔﻪﺭﭼﻪ 2007-ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﯞﺩﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.

    «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى