• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ 20 ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:33 12-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺑﯩﺰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

    ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻤﺎ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ،«ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ»ﻗﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺭﯨﺘﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ، ﻣﯧﯖﻪ- ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﺩﺍ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﻳﺪﯗ. ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ 20 ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

    1. ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ

    ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﭼﭽﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯧﻘﯩﻦ، ﺋﻪﻣﭽﻪﻙ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻛﯚﭘﯜﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮔﺎﺯ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻨﯩﯔ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﻣﭽﻪﻙ ﭼﯩﯖﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻏﺮىۇدۇ، ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﺋﯚﺳﯜﭖ قاﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﯩﻨﻰ پەيدا قىلىدۇ.

    2. ﺑﺎﺵ ﻗﯩﻴﯩﭗ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ

    ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﺎﯞﺍ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺑﺎﺵ ﭼﯩﯖﻘﯩﻠﯩﺶ، ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﺶ، ﻳﯜﺯ-ﻛﯚﺯﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺶ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﯧﯖﯩﮕﻪ ﻗﺎﻥ ﭼﯜﺷﯜﺵ، ﮬﻮﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﺎﻻمىتى كۆرۈلىدۇ

    3. ﮬﻪﻳﺰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺶ

    ﮬﻪﻳﺰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﯩﺰ- ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ؟ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﮬﻪﻳﺰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ھەيز ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﮬﻪﻳﺰ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮬﻪﻳﺰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

    4. ﺭﻭﮬﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻙ، ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯩﻨﯩﺶ

    ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺯﯨﭻ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﭼﭽﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﻥ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭ، ﻳﯩﻐﻼﯕﻐﯘ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘﺭﯗﻗﺘﯘﺭﻣﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﯜﻙ ﻛﯧﺴﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ قىلىدۇ.

    5. ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ، ﻛﯚﭖ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﯛﺵ

    ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﺎﯞﺍ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺋﯧﻘﯩﭗ، ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ، ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ، ﻛﯚﭖ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

    6. ﻣﯧﯖﻪ تىقىلمىسى

    ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺗﯧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯚﺭﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻳﯜﺭﻩﻙ - ﻣﯧﯖﻪ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯧﯖﻪ تىقىلمىسىنى ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

    7. ﻗﺎﻥ ﺷﯧﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ

    ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﻪﺷﺴﻪ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﺴﺎ, ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﺴﻪ ﻗﺎﻥ ﺷﯧﻜﯩﺮﻯ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺭﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ,ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

    8. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ

    ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﯩﻤﭙﺎﺗﯩﻚ ﻧﯧﺮﯞﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻏﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺋﯜﭼﻪﻳﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﯩﯔ ﻟﯚﻣﯜﻟﺪﯨﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻼﭖ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ . ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﭖ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .

    9. ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺩﺍﻍ ﭼﯜﺷﯜﺵ

    ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯧﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ. ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﭖ ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﻨﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺳﻪﭘﻜﯜﻥ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ.

    10. ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯧﻦ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ

    ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﻣﯧﯖﻪ ﯞﻩ ﻳﯜﺯ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯧﻦ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺘﯩﻤﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺧﻪﯞﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

    11. ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﻰ

    ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﺟﺮﺍﻟﻤﺎ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ ﺑﻪﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻮﺭﻣﯘﻥ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ. ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺒﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ ﺋﯚﺳﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ.

    12. ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺵ

    ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﻪ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﮕﯩﺪﺭﻭﻛﻮﺭﺗﯩﺰﻭﻧﺌﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ.

    13. ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺶ

    ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﻛﺎﺗﯧﺨﻮﻻﻣﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﺷﯧﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ، ﻳﺎﻍ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻣﺎﺱ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ.

    14. ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺭﺍﻛﻰ
    ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ, ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯩﻨﯩﺶ، ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻗﺘﻪﻙ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺭﺍﻛﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ.

    15. ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ

    ﺑﻪﺯﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﺴﻰ ﮬﯩﻢ ﺋﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺩﺍ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﻕ، ﺩﯨﻤﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﮬﺎﯞﺍﻻﻧﻐﯘﻣﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻴﺪﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﯞﺍﻟﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ، ﺑﯘﺭﯗﻗﺘﯘﺭﻣﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺘﯩﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

    16. ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺶ

    ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﭼﯩﭽﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﭻ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﯞﺳﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﻪﯓ ﺗﺎﺭﺍﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﯞﺳﺎﻕ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﺎﺭﺍﻳﺴﺎ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

    17. ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ

    ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻧﯧﺮﯞﯨﻼﺭ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻤﭙﺎﺗﯩﻚ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺘﯩﻤﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

    18. ﺗﯧﺮﻩ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ

    ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ, ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻳﻪﻝ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ، ﻗﺎﻥ ﺋﯘﻳﯘﭖ, ﻳﯜﺯ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺩﺍﻍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﺎﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ. ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﺵ, ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻤﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.

    19. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ

    ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ, ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺯﻩﺭﺑﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯩﻨﯩﺶ،ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ , ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ، ﻣﯧﯖﻪ ﺳﻪﻛﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ, ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ، ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

    20. ﻳﯘﺗﻘﯘﻧﭽﺎﻕ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ

    ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯩﻼ ﻳﯘﺗﻘﯘﻧﭽﺎﻕ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﮔﺎﺯﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻳﻪﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﺗﻘﯘﻧﭽﺎﻕ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

    ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯖﻤﯘ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ. ﺑﻪﺯﻯ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﭗ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.

    «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى