• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    قانداق كىشىلەر ئالما يېسە بولمايدۇ ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:53 12-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئالمىنىڭ پايدىسى كۆپلۈكى ھەممىگە ئايان، ئەمما ئالما ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. ئالما يېسە بولمايدىغانلار تۆۋەندىكىچە:

    1. جاراھەتلىنىش خاراكتېرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغى بىمارلىرى: جاراھەتلىنىش خاراكتېرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئالما يېسە بولمايدۇ، بولۇپمۇ كېسەل جىددىي قوزغالغان مەزگىللەردە تېخىمۇ شۇنداق. ئۈچەي دىۋارىدىكى يارا نېپىز بولىدۇ، ئەمما ئالما پوستى بىرقەدەر قاتتىقراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدىكى %1.2 يىرىك تالا ۋە %0.5 ئورگانىك كىسلاتانىڭ غىدىقلىشى قوشۇلسا، ئۈچەي دىۋارىدىكى يارىنىڭ ساقىيىشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ، شۇنداقلا مېخانىكىلىق رولى سەۋەبلىك ئۈچەي تېشىلىش، ئۈچەي يوغىناش، ئۈچەي توسۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

    2. ئاق قان ھۈجەيرىسى ئازىيىپ كەتكەنلەر، مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى: بۇنداق كىشىلەر ئالما يېگەندە كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ياكى داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    3. تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، يۈرەك سانجىقى، بۆرەك كېسەللىكى بىمارلىرى: بۇنداق كىشىلەر ئالمىدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.

    «قانۇنچىلىق گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى