• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شىنجاڭدا 400–قېتىملىق جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:51 12-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9–ئاينىڭ 8–كۈنى تېلېگراممىسى. كىيىم–كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي بېزەش ماتېرىياللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاچىلانغان X9091–قېتىملىق يۈك پويىزى 9–ئاينىڭ 7–كۈنى سائەت 18 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، قورغاس پورتىدا چېگرادىن چىققاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە يېتىپ باردى. بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدىن قاتنىغان 400– قېتىملىق جۇڭگو– ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدۇ.

    ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو– ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتناش سىجىللىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، قاتناش قېتىم سانى كۆپىيىپ، دەسلەپكى ھەپتىدە بىر نۆۋەتچى پويىز قاتناشتىن ھازىرقى ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەتچى پويىز قاتناشقا تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 8– ئايدا 65 نۆۋەتچى پويىز قاتناپ، يۇقىرى رېكورت ياراتقان.

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى قازاقسىتان تۆمۈر يول تارماقلىرى بىلەن چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو– ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتقان.

    «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى