• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:24 12-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى تيەنجىن شەھىرىدە ئاستا- ئاستا ئۆچۈرۈلدى. شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 6 ئالتۇن، 8 كۈمۈش، 12 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، يېڭى تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

    ماھارەت تەنتەربىيەسى بويىچە 32 چوڭ تۈر، 398 كىچىك تۈر، ئاممىۋى تەنتەربىيە بويىچە 19 چوڭ تۈر، 126 كىچىڭ تۈر تەسىس قىلىنغان، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تەسىس قىلىنغان تۈر ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن 9 مىللەتتىن بولغان 456 تەنھەرىكەتچى ماھارەت تەنتەربىيەسى بويىچە چەۋەندازلىق، بوكس، خەلقئاراچە چېلىشىش، جۇدو چېلىشىشى، تەپمە بوكس، ئوقيا ئېتىش، قارىغا ئېتىش، پۇتبول، ۋاسكېتبول، ساھىل ۋالىبولى، قول توپ، يېنىك ئاتلېتىكا، ۋېلىسىپىت، يەلكەنلىك قولۋاق، سۇ ئۈزۈش، ئىشتانكا كۆتۈرۈش، جانبازلىق، تىكتاك توپ، گولف توپ قاتارلىق 19 چوڭ تۈر، 174 كىچىك تۈردىكى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 206 تەنھەرىكەتچى 18 چوڭ تۈر، 71 كىچىك تۈر بويىچە ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن %70 كۆپ بولدى. ئاممىۋى تەنتەربىيە بويىچە 30 تەنھەرىكەتچى 8 چوڭ تۈر، 18 كىچىك تۈر بويىچە ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىگە قاتناشتى. شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بوكس، خەلقئاراچە چېلىشىش، تەپمە بوكس، ئاۋىيا مودېلى، ۋاسكېتبول، چەۋەندازلىق، ساھىل ۋالىبولى، ئوقيا ئېتىش، قارىغا ئېتىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە 6 ئالتۇن، 8 كۈمۈش، 12 مىس مېدالغا ئېرىشتى، مېدال ئومۇمىي سانى 26گە يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكىدىن 10 ئى ئېشىپ، يېڭى تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بولۇپمۇ خەلقئاراچە چېلىشىشتا 34 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئالتۇن مېدال قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، «ئۈچ چوڭ توپ تۈرى» بويىچە ئاپتونوم رايونىمىز تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى رېكورت ياراتتى.

    شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى نيې چۈن مۇنداق دېدى: بۇ شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن مول ھوسۇللۇق بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچى ۋە تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلىپلا قالماي، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىگە كىرىپ، «ئۈچ چوڭ توپ تۈرى» بويىچە ئاپتونوم رايونىمىز تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بوكس، خەلقئاراچە چېلىشىش قاتارلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەنئەنىۋى تۈرلەردە ئەلا نەتىجە يارىتىلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا- مۇشەققەتتىن قورقماي قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بۇنداق ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش نىشاننى ئەمەلدە كۆرسىتىشىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، شىنجاڭدىكى 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلقنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، كۈچىنى باش نىشانغا تېخىمۇ مۇجەسسەملەشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى تىرەككە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا يېڭى تۆھپە قوشقانلىقىنىڭ يارقىن نامايەندىسى.

    «شىنجاڭ گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى