• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھامىلدار ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈركىسە بولمايدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:57 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ھامىلدار بولغاندىن كېيىن، ئورگانىزىمدىكى ھەر قايسى مۇھىم ئەزالاردا زور فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئاياللار لېۋىگە لەۋ سۇرۇخ سۈركەپ دوختۇرخانىغا تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشكە بارسا، لېۋىنىڭ ھەقىقىي رەڭگى لەۋ سۇرۇخنىڭ ئاستىدا قالىدۇ- دە، بىر قىسىم كېسەللىكلەرنى بالدۇر بايقىغىلى ۋە داۋالىغىلى بولمايدۇ.

    لەۋ سۇرۇخنىڭ تەركىبىدە ماي، شام ماددىسى ۋە بوياق ماتېرىيالى بار. بۇنىڭدىكى ماي قوي يۇڭى مېيى بولۇپ، بىر خىل تەبئىي ھايۋانات مېيى ھىسابلىنىدۇ، ئۇ يۇيۇپ تازىلانغان قوي يۇڭىدىن ئايرىۋېلىنىدۇ؛ ئۇ ئادەمنىڭ تېرىسىگە سىڭىپ كېتىدۇ. كۈچلۈك يېپىشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرگەن چاڭ-توزانلار، ھەر خىل مېتال مولېكۇلالىرى، باكتېرىيە ۋە ۋىروسلارنى يېپىشتۇرۇۋالىدۇ، بۇ نەرسىلەر ئېغىز ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەن ھامان يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار ۋە باكتېرىيە، ۋىروسلار بالا ھەمراھى ئارقىلىق تۆرەلمىگە تەھدىت سالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، لەۋ سۇرۇختىكى بۇياق ماتېرىيالى دۆلەت ئىچى- سىرتىدا بىر خىل كىسلاتالىق ھال رەڭ قىزىل پاراشوكتىن ياسىلىدۇ. ئۇ ئورگانىزىمغا زىيانلىق بىر خىل رەڭ ماددىسى. بەزى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇ ئىرسىيەتلىك ماددا- دېئوكسى رىبونۇكلېئىك كىسلاتاغا زىيان يەتكۈزۈپ، تۆرەلمىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى