• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ 4408 ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﺍ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ يەسلىنىڭ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:51 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    6-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺘﻠﯩﻖ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ «ﻗﻮﺵ تىل»ﻠﯩﻖ يەسلىلەرنىڭ ھەممىسى ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﮬﯧﻴﺘﻠﯩﻖ ﺷﺎﺩ-ﺧﯘﺭﺍﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، يەسلىلەرگە ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﺎﭘﺘﻰ. ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ بۇ يەسلىلەرنىڭ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪ، ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺱ-ﺑﻪﺳﺘﻪ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﺘﻰ, ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.

    ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ 4408 «ﻗﻮﺵ تىل»ﻠﯩﻖ يەسلى ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻳﻨﻰ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ، بۇ يەسلىلەر ﺧﯘﺩﺩﻯ ﭘﻮﺭﻩﻛﻠﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﻪﻧﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺰﻩﭖ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ «ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ» ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺟﯘﺵ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ يەسلىلەردىكى ﺑﺎﻻ ﺳﺎﻧﻰ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 289 ﻣﯩﯔ ﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﻰ «ﻗﻮﺵ تىل» ﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ «ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯩﺮﯨﺶ» ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ «ﻗﻮﺵ تىل»لىق ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﯧﻠﯩﭗ, «ﻗﻮﺵ تىل» ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ.

    6-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ, ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ «ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ » ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻟﻪﻥ ﺟﯩﻨﺸﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴەﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ يەسلىنىڭ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ، ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ 1152 ﻳﯧﺰﺍ «ﻗﻮﺵ تىل»لىق يەسلى ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗلغىنى 672، ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ، ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗلغىنى 480. ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯩﻼﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، 6-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ يەسلىلەر ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ، ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪ- ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ. ﻳﯧﯖﻰ يەسلىلەرنىڭ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ.

    ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ، ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻳﯧﺰﺍ «ﻗﻮﺵ تىل»لىق يەسلى ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ. ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 668 ﻳﯧﺰﺍ «ﻗﻮﺵ تىل»لىق يەسلى ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺗﯜﺭﻯ يولغا قويۇلغان ﺑﻮﻟﯘﭖ، 28-ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ بۇ ﻳﯧﺰﺍ يەسلىلىرى ﻛﻪﻳﻨﻰ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ.

    ﺋﻮﻧﺴﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﯘﻣﺸﯘﻕ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻛﻪﻧﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯩﻠﻰ يەسلىسى ﺧﯧﻠﻰ «ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ»، ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﻤﺎ ﺷﻮﺗﺎ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. 78 ﺑﺎﻻ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ, ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ- ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮﻩﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﯞﺍﺳﻜﯧﺘﺒﻮﻝ ﮔﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ، ﮔﺎﺭﻏﺎ ﺗﻮﭖ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ مەشىق ﻗﯩﻠﺪﻯ. بۇ يەسلى ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ، يەسلىدىكى ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ.

    ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺰﺍ ﻛﻪﻧﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ 870 ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ،ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ يەسلىلەر ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ. ﻳﯧﺰﺍ «ﻗﻮﺵ تىل»لىق يەسلىرى 1000 ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ 244 ﻣﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ يەسلىگە ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺩﻯ.

    ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ، ﺋﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ ﺗﯧﻜﻪﺱ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 30 «ﻗﻮﺵ تىل»لىق يەسلىلەر ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 690 يەسلى 1-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ.

    ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﻪﭘﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلىنىڭ ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ، ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯘﻟﺘﯘﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﻏﻪﻣﻠﻪﺵ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺳﻪﭘﻠﻪﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ، ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﯧﺰﺍ «ﻗﻮﺵ تىل»لىق يەسلى ﺗﯜﺭﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻳﯧﺰﺍ «ﻗﻮﺵ تىل»لىق يەسلىلەرنى «ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺳﯧﻠﯩﺶ»، ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ «ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ» ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ، ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻱ، ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻱ، ﻛﯚﭖ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ 8 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 360 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ، ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﭗ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ يەسلىلەرنىڭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻪﭘﻠﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﻯ.

    ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ «ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ» ﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﯩﻼﻧﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ «ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ» ﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﯩﻼﻧﻰ، ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﺮﺍﻛﺘﯩﻜﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 20 ﻣﯩﯔ 900 ﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﺪﻯ. ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ «ﻗﻮﺵ تىل»لىق يەسلىلەرگە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺳﻪﭘﻠﯩﺪﻯ.

    ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ «ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ» ﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ 400 ﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﻟﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﭼﻰ، ﺋﺎﺷﭙﻪﺯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ 1938 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ.

    ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﻰ ﻣﯘﺟﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ يەسلىنىڭ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻨﯘﺭ ﺋﺎﺑﻼ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ 20 يەسلىﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ 16 ﺳﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، 4-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ «ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﭼﻰ ﺳﻪﭘﻠﻪﻧﺪﻯ»، ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ يەسلىلەرگە ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 92 ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪﻧﺪﻯ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 74 ﺳﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﺟﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﯜﭺ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺋﯜﭺ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﺎﺩﯨﺮﻯ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﺎﺭ، ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﭼﻰ ﺳﻪﭘﻠﯩﻨﯩﭗ, 160 ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﯧﯖﻰ يەسلىلەرگە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺳﻪﭘﻠﻪﺵ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.


    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى