• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    WiFi ۋە ھامىلىدار ئاياللار ساغلاملىقى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:42 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    WiFi رادىئاتسىيەسىنىڭ تەسىرى زادى قانچىلىك؟ مۇتەخەسسىسلەر بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:« WiFi رادىئاتسىيەسىنىڭ تەسىر كۈچى ئارىلىق بىلەن تەتۈر تاناسىپ، يەنى ئادەمنىڭ ئۆيدىكى سىمسىز روتېر بىلەن بولغان ئارىلىقى قانچىلىك يىراق بولسا، قوبۇل قىلىدىغان WiFi رادىئاتسىيەسى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. ئادەم بەدىنى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بىخەتەر رادىئاتسىيە دائىرىسى ئون ۋات/ كۋادرات مېتىر، بۇ WiFi رادىئاتسىيەسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە سالىدىغان زىيىنى يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە WiFi رادىئاتسىيەسى تەسىر كۆرسىتىدىغان دەرىجىدە كۈچەيسە، پەقەت ئادەمنىڭ تېرىسىگىلا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا WiFi ھامىلىگە زىيان سالالمايدۇ .

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: ئەمەلىيەتتە WiFi دىن باشقا، بىز دائىم ئىشلىتىدىغان يان تېلېفون، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ ھەممىسى رادىئاتسىيە قويۇپ بېرىدۇ. ئەمما ئۆلچەش ۋە كلىنىكىلىق تەتقىقات نەتىجىسى بۇنداق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى قويۇپ بەرگەن رادىئاتسىيىنىڭ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش، ھامىلە غەيرىي يېتىلىپ قېلىش ھەم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ زىيادە تۆۋەن بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى رەت قىلدى».

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى