• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بالىڭىزنىڭ يالغان گەپ قىلىشىغا قانداق قارايسىز؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:54 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بالىلار ھەمىشە ‹‹ئانا، قورسىقىم ئاغرىۋاتىدۇ، بۈگۈن يەسلىگە بارمايچۇ›› دەپ يالغان گەپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، بىر كۈن ئۆيدە قانغۇچە ئوينىۋالىدۇ. ‹‹ئانا، بايا ئۇكام شاكىلات يېدى، مەن يېمىدىم››. بالىڭىز بۇ گەپنى قىلغاندا، جاۋغىيىغا چاپلىشىپ قالغان شاكىلاتنى كۆرىسىز. كىچىك پەرىشتىڭىز دائىم مۇشۇنداق قىلامدۇ؟ بالىلارنىڭ يالغان گەپ قىلغانلىقىنى قانداق توسۇش كېرەك؟

    يالغان سۆزلەش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك باسقۇچ. كانادا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگى، پىروفېسسور لى كاڭ بالىلارنىڭ يالغان گەپ قىلىشىنى 20 يىل تەتقىق قىلىپ، ئىككى ياشلىق بالىلار ئىچىدە %30 نىڭ يالغان گەپ قىلىدىغانلىقى؛ ئۈچ ياشقا كىرگەندە يالغان گەپ قىلىش نىسبىتىنىڭ %50كە يېتىدىغانلىقى، تۆت ياشتىن كېيىن بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يالغان گەپ قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. بالىنىڭ يالغان گەپ قىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ قىزغىن بولۇپ كېتىدۇ، ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا يالغان گەپ قىلىپ، بۇنداق ‹‹مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى››دىن ھۇزۇرلىنىدۇ. مەسىلەن: كۆكتاتلارنى يېگۈسى كەلمىسە قورسىقىم تويدى، دەيدۇ، ماڭغۇسى كەلمىسە پۇتۇم ئاغرىدى، دەيدۇ.

    يالغان گەپ قىلىش بالىلارنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ

    نۇرغۇن بالا ‹‹يالغان گەپ قىلىش ئويۇنى››نى زېرىكمەي ئوينايدۇ، ‹‹ئوڭۇشسىزلىق››قا ئۇچرىغاندا، بۇ بىر خىل ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان كۈچكە ئايلىنىدۇ. ئەنگلىيە شېفىرد ئۇنىۋېرسىتېتى يولغا قويغان بىر تەتقىقات تۈرىدە بايقىلىشىچە، يالغان گەپ قىلىش بالىنىڭ ياخشى ئىجرا قىلىش (بىلىش) ئىقتىدارى بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ ئەستە تۇتۇش، ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە پىلانلاش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بالا ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، يەنە بىر ھېكايە توقۇپ چىقىدىكەن ھەم ئۇنى ئېسىدە ساقلايدىكەن. يالغان گەپ قىلغاندا، ئالدى–كەينى زىددىيەتلىك بولۇپ قالماسلىقى، يەنە چىراي ئىپادىسى تەبىئىي بولۇشى كېرەك. تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە گەپلەرنى تېپىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس. بۇ جەرياندا بالىلارنىڭ تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش، لوگىكىلىق خۇلاسە ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ يالغان گېپى قانچە مۇكەممەل بولغانسېرى، راست–يالغانلىقىنى ئايرىش شۇنچە قىيىن بولىدۇ. بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بالىلارنىڭ يالغان گەپ قىلغان–قىلمىغانلىقىنى توغرا پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى %50 بولىدىكەن.

    بالىلار يالغان گەپ قىلغاندا جازالاش كېرەك بولسا جازالاش كېرەك

    بالىلارنىڭ يالغان گېپى ھەمىشە ئەخلاق مەسىلىسىگە چېتىلمايدۇ، ئاتا–ئانىلار بۇنى توغرا چۈشىنىپ، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا يېتەكلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ يالغان گەپ قىلىش توغرا دېگەنلىك ئەمەس. بالىلارنىڭ يالغان گەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاشقا توغرا كەلسە ئاشكارىلاش، تەربىيە بېرىشكە توغرا كەلسە تەربىيە بېرىش كېرەك. بىرىنچى، مەسىلەن: بالىڭىز ‹‹دادا، پۇتۇم ئاغرىۋاتىدۇ، مېنى كۆتۈرە›› دېگەندە، سىز ئۇنى كۆتۈرۈڭ ھەم ئۇنىڭغا ‹‹مېنى كۆتۈرگۈزگۈڭ بولسا ئېيتقىن، سېنى كۆتۈرۈشنى خالايمەن›› دەڭ. بۇ ۋاقىتتا، بالا خىجىل بولۇپ، كېيىن ئېھتىياجىنى يالغان گەپ قىلىشقا تايانماي تېخىمۇ ئوچۇق–ئاشكارا ئىپادىلەيدىغان بولىدۇ. ئىككىنچى، بالا يالغان گەپ قىلسا. مەسىلەن: كەرەپشە يېگۈسى كەلمىگەندە ‹‹قورسىقىم تويدى››دېسە، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن ‹‹قورسىقىڭ راستىنلا تويدىمۇ؟›› دەپ سوراڭ. بالا بېشىنى لىڭشىتىپ قورسىقىنىڭ تويغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئۇنىڭغا ‹‹ماقۇل، ئەمىسە سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گىلاسنى ئۆزۈم يەي›› دەڭ. بۇ ۋاقىتتا بالا پۇشايمان قىلغان تەلەپپۇزدا ‹‹يەنە ئازراق گىلاس يېسەم بولغۇدەك›› دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا– ئانىلار ئاۋۋال بالىغا ئازراق كەرەپشە يېگۈزۈپ ئاندىن گىلاس بېرىشى كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى، بالىغا يالغان گەپ قىلسا ھامان باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغان سۆزلەيدىغان ئادەم كېيىن راست گەپ قىلسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، يالغان گەپ قىلىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ يالغان گەپ قىلىش سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەرگىز ئاق–قارىنى ئايرىماستىنلا جازالىماسلىق، بالىغا يالغان گەپ قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ھەم يالغان گەپ قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئالغۇزۇپ، يالغان گەپ قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، يالغان گەپ قىلىشنى ھەرگىزمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئالدىن تاللاش قىلىۋالماسلىقنى تونۇتۇش كېرەك. مەسىلەن: بالا ئوقۇشتىن قېچىش مەقسىتىدە ئاغرىپ قالغان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئاتا–ئانىسىنى رۇخسەت سوراتقان بولسا، بالىنىڭ مەكتەپتىن قېچىش سەۋەبىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، كەم قالغان دەرسنى تولۇقلاش، بىر ئاي ئىچىدە ھەر كۈنلۈك كارتون فىلىم كۆرۈش ۋاقتىنى بىر سائەت ئازايتىش قاتارلىق جازالارنى بەرسە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بالا يالغان گەپ قىلىدىغان ئادىتىنى تۈزەتسە، چوقۇم ۋاقتىدا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى