• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ۋوللىۋود ئېكىرانىدىكى كېلىشكەن يىگىت - رانبىر.كاپور

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:48 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    رانبىر.كاپور 1982–يىلى 9–ئاينىڭ 28–كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان.

    رانبىر.كاپور ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلاشتىن بۇرۇن رېژىسسور Sanjay Leela Bhansali نىڭ ياردەمچىسى بولغان، ئارقىدىنلا 2007–يىلى 11–ئايدا قويۇلغان ‹خىيالى كۆك شېئىر› فىلىمدە سونام.كاپور بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇنجى ئوبرازنى ياراتقان. گەرچە ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ فىلىم ئانچە ئۇتۇق قازىنالمىغان. كېيىن ئۇ يەنە بىپاشا.باسۇ، دىپىكا.پادۇكونىلار بىلەن بىرگە رېژىسسور Siddharth Anand نىڭ رومانتىك كومىدىيە فىلىمى ‹قىزچاق ئەمدى ئالقىنىمغا چۈشتۈڭ› دە رول ئالغان.بۇ فىلىمنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ھەرھالدا ياخشى بولغان.

    رانبىر.كاپور داڭلىق چولپان Rishi Kapoor ۋە Neetu Singh نىڭ ئوغلى.ئۇ داڭلىق ئارتىس ۋە كىنو ئىشلىگۈچى Raj Kapoor نىڭ نەۋرىسى. داڭلىق چولپان كارىننا.كاپور ۋە كارىشما.كاپورلار ئۇنىڭ نەۋرە ئاچىلىرىدۇر...

    رانبىر.كاپورنىڭ تۇنجى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئوبرازى 2009– يىلى ئىشلەنگەن رېژىسسور Ayan Mukerji نىڭ ‹ئويغانغىن،سېد› فىلىمىدە يارىتىلغان بولۇپ، فىلىمدە ئۇ بومبايدىن كەلگەن Siddharth Mehra ئىسىملىك ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، كىشىلەرنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ رولىنى ئالغان. كېيىن ئۇ يەنە كاتىرىننا.كايىف بىلەن ‹Ajab Prem Ki Ghazab Kahani› فىلىمىدە ھەمكارلاشقان.

    رانبىر.كاپور نۆۋەتتە ئاتا– ئانىسى بىلەن بومبايدىكى Pali Hill دا تۇرىدىكەن، 2008–يىلدىكى بىر زىيارەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ ۋوللىۋود چولپىنى دىپىكا.پادۇكونى بىلەن يۈرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغان، لېكىن كېيىن ئىككىسىنىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالغان.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى