• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يەتتە خىل كېسەللىكنىڭ خەتەرلىك بېشارىتى- كۆپ ئۇسساش

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:07 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بەزىلەر دائىم ئۇسسىغاندەك بولۇپ، كۆپ سۇ ئىچىدۇ، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ روسىيە تېببىي ئالىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى يەتتە خىل سەۋەبتىن بولىدىكەن.

    1. ئادەم بەدىنىدە ئېغىر دەرىجىدە سۇ كەمچىل بولۇش. ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا، قانسىزلانغاندا، كۆيۈپ قالغاندا، كۆڭلى ئېلىشقاندا، قورساق ئاغرىغاندا،بەك قىزىپ كۆپ تەرلىگەنلىكتىن، ئادەم بەدىنى ئېغىر سۇسىراپ، ئۇسسۇزلۇققا چىداش تەس بولىدۇ-دە، دائىم تۆۋەندىكىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يەنى ئاغزى قۇرۇش، چىرايى قارىداپ قىلىش، كۆز چانىقى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، تېرىسى قېتىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپ ئۇسساش ئادەم بەدىنىنىڭ بىر خىل قوغداش مېخانىزمى، بۇ ئادەملەرنىڭ سۇسىراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئادەم ئۇسسىغاندا بەدىنى كۆپ مىقداردا سۇ تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەگەر ئادەم بەدىنىدە سۇ مىقدارى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىسا، بۇ خىل قوغدىنىش خاراكتېرىدىكى ئۇسساش دەرھال يوقايدۇ.

    2. دىئابىت كېسەللىكى باش «جىنايەتچى». ھورموننىڭ رولى ئادەم بەدىنىدىكى سۇ، تۇزنىڭ ئالمىشىشىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت. مۇبادا بۇ خىل ھورمۇن تەڭپۇڭلۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا،ئۇ دائىم ئۇسساشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىئابىت كېسىلى بارلاردا قەنت مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، سۈيدۈك مىقدارى شۇنچە ئېشىپ ماڭىدۇ.بۇ ۋاقىتتا گەرچە ئۇلار كۆپ مىقداردا سۇ ئىچسىمۇ يەنىلا ئۇسسۇزلۇققا قانمىغاندەك بولىدۇ، ئەگەر دىئابېت كېسىلى بارلار ئىنسۇلىن ياكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ئىچسىمۇ يەنىلا كۆپ ئۇسسىغاندەك ھېس قىلسا، بۇ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    3.مېڭىسى زەخمىلىنىش. بەزىلەر مېڭىسى زەخىملەنگەندىن كېيىن ياكى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن كۆپ ئۇسسايدۇ. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى تېز بولۇپ، بىمارلار دائىم بىر كۈن ياكى بىر سائەتنىڭ ئىچىدىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىماردا كۆپ سىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بىمارلار ھەر كۈنى 20لىتىرغىچە سۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك، ئەسلىدە بۇ پۈتۈنلەي بىمارنىڭ بەدىنىدىكى ئاتالمىش سۈيدۈك ھەيدەشنى تورمۇزلىغۇچى ھورمۇننىڭ كەملىكى سەۋەبىدىندۇر. چۈنكى كېسەلنىڭ قوزغىلىشى ناھايىتى تېز، شۇڭا دەرھال ئالدى بىلەن نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.

    4. ھورمۇن ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش. قالقانسىمان بەز خىزمىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشنىڭ دەسلەپكى ئالامىتىمۇ يەنىلا كۆپ ئۇسساش، ھورمۇن ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتسە بىمارلارنىڭ چىشى چۈشۈپ كېتىش، پۈتۈن بەدىنى ئاغرىش، تېزلا ھېرىپ قېلىش، مۇسكۇللىرى ماغدۇرسىزلىنىش، تېزدىن ئورۇقلاش كېلىپ چىقىدۇ. سۆڭەكتىن قۇرۇغان كالتسىي ھەتتا سۈيدۈكنىڭ رەڭگىنى ئاقارتىۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دەرھال ئىچكى ئاجراتما كېسەللىرى دوختۇرىغا تەكشۈرتۈپ تىز داۋالىنىش كېرەك.

    5. بۆرەك كېسىلى. بۆرەك سۇ ساقلاش ئىقتىدارىنى يوقاتسا، كۆپ مىقداردا سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۆرەك كېسىلىنىڭ تۈرى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە بۆرەك جامى ياللۇغى، قان تومۇر دانچىسى بۆرەك ياللۇغى، بۆرەككە سۇ چۈشۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسدە كۆپ ئۇسساش كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش ياكى ئىششىش كۆرۈلگەندە، بىمارلار يەنىلا ئۇسسىغاندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندىن كېيىنكى ئۇسساش بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ خىل خەتەرنىڭ ئالامىتىنى دائىم دەرھال بايقىغىلى بولمايدۇ. پەقەت بىمارلارنىڭ قېنىنى تازىلىتىش ياكى بۆرەك كۆچۈرۈش ئارقىلىقلا ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. شۇڭا كۆپ ئۇسسىغان ۋاقتىدا دىققەت قىلىش، بۆرەك كېسىلى دوختۇرلىرىغا تەكشۈرتۈش، داۋالىنىش كېرەك.

    6. ئىشلەتكەن دورا مۇۋاپىق بولماسلىق. ئىشلەتكەن دورا مۇۋاپىق بولمىسا دائىم كۆپ ئۇسساغ كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن قان بېسىمنى چۈشۈرگۈچى دورىلارنى ئىچسە يەنە ئۇسىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىمارلار كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. كۆپ سۇ ئىچىش قان بېسىمى يۇقىرىلارغا زىيانلىق. بۇ ۋاقىتتا دەرھال يۈرەك كېسىلى دوختۇرغا تەكشۈرتۈش ھەم سۈيدۈك راۋانلاشتۇرىدىغان دورىلارنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.

    7. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۇسساش. بۇ بىر خىل ئادەمنى بىزار قىلىدىغان كېسەللىك. بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار، بۇنىڭدا ئۆزى بىلگەننى قىلىش، چېچىلغاقلىق ۋە ئاسان ئۇرۇشۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، بىمارلار ئۆز-ئۆزىنى ئالداپ قويغىنى تۈزۈك. مەسىلەن: ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ ئارقا-ئارقىدىن سۇ ئىچكەننى دوراش، بىر ئىستاكان تۇزلۇق سۇنى قەستەن قېقىلىپ ئىچكەندەك ھالەتنى قىلىش، ئەگەر سۇ پاكىز بولسا ئاغزىنى نەمدەپ قويسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل تەدبىر ئارقىلىق بىمارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئالدىنىپ، بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدىلا بىر خىل ئۇسسسۇزلۇققا قانغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى