• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھەرىكەتتىن كېيىن چەككەن تاماكا سالامەتلىككە تېخىمۇ زىيانلىق

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:01 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بەزىلەر ھەرىكەتتىن كېيىن تاماكا چەكسە ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەرىكەتتىن كېيىن تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە سالىدىغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت ۋە مېڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھەرىكەتتىن كېيىن تاماكا چەكسە، كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋالىدۇ. چۈنكى ھەرىكەتتىن كېيىن يۈرەك ۋە ئۆپكە ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، يۈرەك سوقۇشى ۋە نەپەس ئېلىشى تېزلىشىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا چەككەن تاماكىدىكى زىيانلىق ماددىلار نەپەس يولى ھۈجەيرىلىرىنى بۇزىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرىكەتتىن كېيىن قان ئايلىنىشمۇ تېزلىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۆپكە ۋە بەدەننىڭ زىيانلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈشى تېزلىشىدۇ، بۇ خىل ماددىلار بەدەنگە كىرسە، زىيىنى ئادەتتىكى تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىدىن كۆپ بولىدۇ؛ ھەرىكەتتىن كېيىن بەدەن ئورگانىزملىرى ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ، شۇڭا چېنىقشتىن كېيىن تاماكا چەكسە، ئىس-تۈتەكتىكى نىكوتىن يۈرەكتىكى ئوكسىگېننىڭ خورىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يۈرەكتە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، تاجىسىمان ئارتېرىيە تارىيىش، يۈرەك تىقىلمىسى قوزغىلىشلارنى پەيدا قىلىدۇ. تاماكا ئىسىدىكى كاربون چالا ئوكسىدى بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوكسىگېن بىلەن قىزىل قان دانچىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، مۇھىم ئەزالاردا ئوكسىگېن كەمچىل بولۇشنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى