• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    قورۇق بېشارەت بېرىدىغان بەش خەۋپ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:47 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سۆڭەك شالاڭلىشىش. مۇتەخەسسىسلەر ھەيز كېسىلگەن ئاياللاردىكى قورۇقنىڭ كۆپ ئازلىقى بىلەن چوڭقۇرلۇقىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: چىرايىدا قورۇق كۆپ ھەم چوڭقۇر ئاياللارنىڭ سۆڭەك زىچلىقىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن، چۈنكى سۆڭەك بىلەن تېرىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان كوللاگېنلىق ئاقسىل ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئازىيىدىكەن.
    يۈرەك كېسىلى. قۇلاق يۇمشىقىدىكى يانتۇ قورۇق يۈرەكتىن مەسىلە بارلىقىنى دېرەك بېرىدىكەن چۈنكى بۇ قورۇق قۇلاق يۇمشقىدىكى مىكرو قان تومۇر ئ‍ولتۇرۇشۇپ كېتىشنىڭ نەتىجىسى. بۇ ئالامەت يۈرەككە يېقىن قان تومۇردا بولغان ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
    يۇقىرى قان بېسىم. قارىماققا ئۆز يېشىدىن كىچىك كۆرۈنىدىغان ۋە قورۇق ئاز ئاياللارنىڭ قان بېسىمى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىكەن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ ئەۋلادىدا قورۇق ئاز بولىدىكەن. بېسىم. تەشۋىشلىنىش، تىت- تىت بولۇشمۇ قورۇق پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى ئادەم بېسىمغا دۇچ كەلگەندە قوشۇمىسى تۈرۈلىدۇ، بۇ ئادەت ئۇزاق داۋاملاشسا مەڭگۈ يوقىمايدىغان قورۇق پەيدا بولىدۇ، بۇ يەنە تېردىكى كوللاگېنلىق ئاقسىلنىڭ خورىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
    تاتلىق يېمەكلىكلەر. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە قەنت بىلەن ئاقسىل بىرلىشىۋىلىپ، بەدەندە كوللاگېنلىق ئاقسىلنى پارچىلاپ، تېرىدە قورۇق پەيدا قىلىدىغان ماددا پەيدا قىلىدىكەن، تاتلىق يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا مېۋە چېۋىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئاياللارغا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.
    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى