• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    چاچمۇ ساغلاملىقتىن بىشارەت بېرەلەيدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:37 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    چاچ شالاڭلىشىش: قالقان بەز ئاجرالمىلىرىنىڭ بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. قالقانبەز ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمون بەدەندىكى ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەڭشەيدۇ، شۇنداقلا چاچنىڭ ئۆسۈشىنىمۇ تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئەگەر قالقانبەز ئاقسىلنىڭ ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتسە چاچ چۈشۈش ۋە چاچ شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسى ياخشى بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكمۇ چاچنىڭ شالاڭلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

    چاچ چۈشۈش: تۆمۈر كەملىكتىن بولۇشى مۇمكىن. ئادەمنىڭ كۈندە 40-100تالغىچە چېچى چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەمما يېنىك دەرىجىدىكى تۆمۈر كەملىكمۇ دائىم چاچ چۈشۈشنى تېزلىتىدۇ.

    چاچنىڭ يۇمشاپ جانسىزلىنىشىپ كېتىشى ياكى قۇرغاقلىشىشى: ئۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى مەلۇم دەرىجىدە نەملىك كەملىكتىن بولىدۇ، چاچ ساغلام بولسا چېچىلىپ، ئايرىم تۇرىدۇ، ئەمما يېمەك- ئىچمەك مۇۋاپىق بولمىسا ھەر بىر تال چاچتىكى تۈك خالتىسى مولېكۇلا قۇرۇلمىسى جەھەتتە سۇنى ياخشى ساقلىيالمايدۇ، شۇڭا سالامەتلىككە پايدىلىق ياغ تۈرىدىكىلەرنى، مەسىلەن ماكۇل بېلىقى ۋە تېرون بېلىقنى كۆپرەك يېسە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئومىگا ياغ كىسلاتاسى چاچنىڭ نەملىك ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

    چاچنىڭ پارقىراقلىقى يېتەرسىز بولۇش: ۋىتامىن Bكەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. چاچنىڭ پارقىراقلىقنى يوقىتىش ھەمدە ياغنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشتىكى ھالقىلىق ماددا ۋىتامىنB يېتەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ۋىتامىنB تولۇقلىسا بولىدۇ، ۋىتامىنB ھايۋانات جىگىرى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە پارقىرىتىلمىغان گۈرۈچتە كۆپرەك بولىدۇ.

    چاچنىڭ ياغلىشىشى: سۈتنى بەك كۆپ ئىچكەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن. بەزى چاچ تەتقىقاتچىلىرى سۈت، قېتىق قاتارلىق سۈت ئىچىملىكلىرىنى بەك كۆپ ئىچسە چاچ ياغلىشىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ، سۈت تەركىبىدىكى ياغلار چاچ خالتىسىغا يېقىن تېرە بەزلىرىگە بارغاندا ياغنى كۆپ ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇنى ھەل قىلىشتا سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى بىر ھەپتە ئىچمىسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

    چاچنىڭ ئۆسۈشتىڭ توختىتىشى: يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، بۇ چاچنىڭ ئۆسۈش دەۋرىنى قىسقارتىپ، چۈشۈشتىن ئىلگىرى مەلۇم ئۇزۇنلۇقتا ئۆسۈپ، ئۆسۈشتىن توختايدۇ. ئادەتتە سۈت يېمەكلىكلىرى رېئاكسىيە قىلىش ۋە بۇغداي يېمەكلىكلىرى رېئاكسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. شۇڭا چوقۇم رېئاكسىيە سىنىقى ئېلىپ بېرىش كېرەك، باشنى پات-پات يۇيۇپ تۇرمىسىمۇ ياغ پەيدا قىلغان كىر تەسىرىدىمۇ چاچنىڭ ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

    چاچ ئۇچى يېرىلىش: مېنىرال ماددا ياكى ۋىتامىن كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بەدەنگە زۆرۈر بولغان بىرقانچە مىنېرال ماددا ياكى ۋىتامىننىڭ كەملىكىدىن بولۇشى مۇمكىن، يېمەكلىككە ئەھمىيەت بېرىپ ئاقسىل تەركىبلىك يېمەكلىكنى كۆپرەك ئىستىمال قىلسا، چاچ ئۇچى يېرىلىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

    چاچ كېپەكلىشىش: زەمبۇرۇغ تەسىرىدىن بولىدۇ. ئادەمنىڭ باش تېرىسى بىلەن تېرىسىدە ئاز مىقداردا زەمبۇرۇغ بولىدۇ، ئەمما كېپەك ئېغىر بولغانلارنىڭ%25دە زەمبۇرۇغ باش تېرىسىگە تارقالغانلىقتىن بولىدۇ، كۆپ مىقداردىكى زەمبۇرۇغ تېرىنى غىدىقلاپ، تېرە ھۈجەيرىسى پەيدا قىلىدۇ، كېپەكنى ئازايتىش ئۈچۈن بەزى دورىلىق چاچ سوپۇنى بىلەن چاچنى يۇيسا بولىدۇ.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى