• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ياتاقتا ياتقاندا بۇ نەرسىلەرنى تۇتۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:27 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    مەيلى كاماندىروپكىغا چىقىڭ ياكى ساياھەتكە بېرىڭ چوقۇم ياتاقتا يېتىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن قارىماققا شۇنداق پاكىز كۆرۈنگەن ياتاقتا ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن باكتېرىيە بولىدۇ. ئۇنداقتا زادى ياتاقتىكى قايسى بۇيۇمدا باكتېرىيە ئەڭ كۆپ بولىدۇ؟

    1. يورۇتۇش ۋېكليۇچاتېلى

    ئامېرىكا ھيۇستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يورۇتۇش ۋېكليۇچاتېلىدىكى باكتېرىيە ئەڭ كۆپكەن. توققۇز ياتاقتىكى19 يورۇتۇش ۋېكليۇچاتېلىنى ئەۋرىشكە قىلىپ تەكشۈرگەندە، يورۇتۇش ۋېكليۇچاتېلىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەركۋادرات سانتىمېتىر بوشلۇقتىكى باكتېرىيە سانى122.7CFU (كولىنىيە شەكىللىنىش بىرلىكى، ئومۇمىي ئاتىلىشى colony-forming units) غا يېتىدىكەن، ئادەتتە گەندىنىڭ باكتېرىيە قىممىتى111.1CFUبولىدۇ.

    2. تېلېۋىزور تىزگىنىكى

    ئوخشاشلا مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېلېۋىزور تىزگىنىكىدىكى باكتېرىيە سانى67.6CFUغا يېتىدىكەن.

    3. سۇ ئىستاكانى

    ياتاققا يوشۇرۇن كامېرا ئورنىتىپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياتاق تازىلاش خادىملىرى ئادەتتە سۇ ئىستاكىنىنى پاكىز يۇيمايدىكەن، بەزىلىرى «ئىچىش مەنئىي قىلىنىدۇ» دەپ ئەسكەرتىلگەن سۇيۇقلۇقنى ئىستاكانغا چېچىپلا، سوغۇق سۇدا چايقىۋېتىپلا ئۈستەلگە تىزىپ قويىدىكەن. يەنە بەزىلىرى ھەتتا ئۆي سۈرتىدىغان دەسمال بىلەنلا بوتۇلكىنى سۈرتىدىكەن.

    4. كىرلىك

    ئادەتتە ياتاقنىڭ كىرلىكى كۆپ يۇيۇلمايدۇ، دېمەكچى ئوخشاش بىر كىرلىكنى نۇرغۇن ئادەم ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا باشقىلارنىڭ تەرى، چاچلىرى كىرلىكتە قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرلىكمۇ ئاسان باكتېرىيە قونىدىغان نەرسە، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كىرلىك ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ.

    5. تېلېفون كۇنۇپكىسى

    تېلېفون ئۇرۇشتىن بۇرۇن چوقۇم تېلېفون كۇنۇپكىسىنى بىر سۈرتىۋېتىڭ، ئوخشاشلا ھيۇستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتقا ئاساسلىنىشىچە، تېلېفون كۇنۇپكىسىدىكى باكتېرىيە سانى20.2CFU بولۇپ، كارىۋات بېشى تاختىسى، دېرىزە پەردىسىنى سىيرىغۇچ ۋە مۇنچا ئىشىكىدىنمۇ مەينەت ئىكەن.

    6. قەھۋە ماشىنىسى

    ئامېرىكا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەلۇم مېھمانساراينىڭ قەھۋە ماشىنىسىنى تازىلاش ئۇسۇلى، ئازىراق پاكىز سۇ قۇيۇپ، بىرنەچچە قېتىم چايقاپ قويسىلا ئىش تۈگەيدىكەن. بۇنداق ناتوغرا ئۇسۇل قەھۋە ماشىنىسىدىكى باكتېرىيە سانىنى بارغانسېرى كۆپەيتىۋېتىدۇ.

    7. تازىلاش بۇيۇملىرى

    ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېت ئوخشاشلا ياتاقتىكى تازىلاش بۇيۇملىرى مەسىلەن: پەلەي، پول سۈرتكۈچ، تازىلاش بۇلۇتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە بۇلاردا كۆپ مىقداردىكى باكتېرىيەلەر بايقالغان. مەسىلەن: تازىلاش بۇلۇتىدىكى بوشلۇق باكتېرىيە سانى ۋە گەندە باكتېرىيە سانى CFU500 غا يەتكەن.

    ياتاقتا يېتىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

    1. كارىۋات بۇيۇملىرى

    نۇرغۇن ئادەم ياتاقتا ياتقاندا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. بەدەننىڭ بىۋاسىتە باكتېرىيە بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم كىيىم كىيىپ ئۇخلاش كېرەك.

    2. قايناقسۇ چەينىكى

    بەزى ساپاسىز كىشىلەر قايناقسۇ چەينىكىگە تاماكا كۈلى سېلىپ قويىدۇ ياكى ھاراق قۇيۇۋېتىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئىچىگە قۇسۇپمۇ قويىدۇ. شۇڭا ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال بىر قېتىم قايناقسۇ قاينىتىپ، سۇنى تۆكىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن يەنە بىر قېتىم قاينىتىپ ئىشلىتىڭ.

    3. ئىستاكان

    يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ئىستاكانىدىكى باكتېرىيە سانىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى قايناقسۇدا دېزېنفېكسىيەلەپ ئاندىن ئىشلىتىڭ. تەرەت تۇڭىنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ، يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بار، شۇڭا ئۈستىگە قەغەز قويۇپ ئاندىن ئولتۇرۇڭ.

    4. ۋاننا

    ياتاققا ۋاننا بولسا ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەڭ، ئۈستىدىن سۇ چۈشۈرۈپ يۇيۇنغىنىڭىز بىخەتەر.

    5. تېلېۋىزور تىزگىنىكى

    تېلېۋىزور تىزگىنىكىدىمۇ باكتېرىيە كۆپ، شۇڭا ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن قولىڭىزنى يۇيىۋېتىپ ئاندىن نەرسە يەڭ.

    6. ساپما كەش

    ياتاقتىكى ساپما كەشنى كىيمەڭ، ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ساپما كەشنى كىيىڭ. ياتاققا كىرىشتىن بۇرۇن چوقۇم چىش پاستىسى، چىش چوتكىسى، يۈز لۆڭگىسى، بەدەن لۆڭگىسى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، بىر يۈرۈش كارىۋات بۇيۇمى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ كىرىڭ، پاكىز ھەم بىخەتەر بولىدۇ.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى