• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى Wifi ئارقىلىق زەرەتلىگىلى بولامدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:58 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئۆيىڭىزدىكى زەرەتلىگۈچ ۋە باشقا تۈرلۈك توك ئىشلەتكۈچى سايمانلارنىڭ سىملىرىنىڭ بىر– بىرىگە يۆگىشىپ چىگىشلىشىپ كېتىشىدىن بىزارلىق ھېس قىلامسىز؟ نۆۋەتتىكى ئەتراپىمىزدىكى سىمسىز تور سىگناللىرىدىن پايدىلىنىپ كىچىك ئۈسكۈنىلەرنى زەرەتلەش تەتقىقاتى بىزنى بۇ ئاۋارىچىلىكلەردىن خالاس قىلىشى مۇمكىن.

    يېقىندا ئامېرىكا سېئاتىلدىكى ئالتە ئائىلە بىر تۈرلۈك تەجرىبىگە قاتناشقان، تەجرىبىدە ھەر بىر ئائىلىگە ئۆزگەرتىپ ياخشىلانغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە بىردىن سىمسىز تور روتېرى(器由路) قويۇپ قويۇلغان. ئۆزگەرتىپ ياخشىلانغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر 24 سائەت ئىچىدە پەقەت سىمسىز تور روتېرى سىگنالى ئارقىلىق زەرەتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە روتېر يەنە بۇ ئائىلىنى سىمسىز تور سىگنالى بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان.

    سىمسىز توردىن پايدىلىنىپ زەرەتلەشنىڭ مۇمكىنچىلىكى زادى قانچىلىك بولىدۇ؟ بۇ تەجرىبىدە سىمسىز تور روتېرى تارقاتقان سىمسىز رادىيو دولقۇنى ئېنېرگىيەسى توك توغرىلىغۇچ ئارقىلىق تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرۇلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تۇراقلىق توك ئالماشتۇرغۇچ ئارقىلىق بېسىمى ئۆرلىتىلىپ ئىشلىتىلىش دەرىجىسىگە يەتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى قۇياش باتارېيە تاختىسىدىن پايدىلىنىپ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

    يۇقىرىقى سىستېمىدىن پايدىلىنىپ تېمپېراتۇرا سېنزورى، پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى تۆۋەن باتارېيەسىز فوتو ئاپپارات ۋە زەرەتلىك ئۆلچەملىك باتارېيە قاتارلىقلارنى زەرەتلەشكە بولىدۇ. بىراق ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى سېئاتىل شۆبە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىسى، مۇشۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋامسى. تانانىڭ ئېيتىشىچە، سىمسىز تور روتېرىدىن پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز ھەم يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى تېخى ئۈنۈملۈك ھەل بولماپتۇ.

    كىشىلەر تورغا چىقىپ تور بەتلىرىنى ۋاراقلىغان، كىنو– تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرگەن ۋە ماتېرىيال چۈشۈرگەن چاغلاردا سىمسىز تور سىگناللىرى جانلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتىرلىك ئۈسكۈنىلەرنى زەرەتلەشكە بولىدۇ. ئەگەر تورغا چىقىدىغان ئادەم يېتەرلىك بولمىسا سىمسىز تور سىگناللىرى جانلىنىش ھالىتىگە كىرەلمەي ئېلېكتىرلىك ئۈسكۈنىلەرنى زەرەتلەشكە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرىدۇ. تانانىڭ ئېيتىشىچە، سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇچۇر– ئالاقە ئېلىپ بېرىشتا پەقەت يوللاشقا تېگىشلىك زۆرۈر سانلىق مەلۇمات سىگناللىرى يوللىنىدۇ. ئەمما سىمسىز تور ئارقىلىق زەرەتلەش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سانلىق مەلۇماتلار ئۈزلۈكسىز يوللىنىپ تۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. دېمەك سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش بىلەن سىمسىز تور ئارقىلىق زەرەتلەش ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنەرلىك ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت بولىدۇ» .

    بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھېچكىم تورغا چىقمىغان ئەھۋالدىمۇ ئەھمىيەتسىز سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر خىل سىمسىز تور يوللىرىغا ئۈزلۈكسىز يوللاپ تۇرىدىغان بىر خىل يۇمشاق دېتالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. كىچىك تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ زەرەتلىنىشكە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما سىمسىز تور ئاجىز سىگناللار بىلەنلا تەمىنلەيدۇ، كۈچلۈك سىگناللار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.

    ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرى بېللېۋېيدىكى ئوسسىيا شىركىتى بۇنىڭغا قارىتا ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى ئۇلار «كوتا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سىستېمىدىن پايدىلىنىپ، سىمسىز تور لىنىيە توپلاشتۇرغۇچ لايىھەلەپ سىمسىز تور چاستۇتىسىدا ئۇچۇر – ئالاقە سىگناللىرىنى يوللىماستىن، رادىيو دولقۇنلىرىنىلا يوللايدۇ. كوتا لايىھەسىدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 ۋات قۇۋۋەت ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، بىراق بىر تېلېفوننى بىر ۋات قۇۋۋەت بىلەنلا تەمىنلەيدۇ. ئوسسىيا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ھاتېم. زېينې مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭ سىمسىز تور بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بىزنىڭ قۇۋۋەت سىگنالىمىز رەتسىز، ئەمما ئۈزلۈكسىز بولغان ئېلېكتىر دولقۇنلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۇچۇر بولمايدۇ. زەرەتلەنگۈچى ئۈسكۈنىلەردىكى دېمودۇلياتسىيەلەش ئۆزىكى بۇ سىگناللارنىڭ كوتادىكى ئانتېننالارنىڭ قايسىسىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى لىنىيە توپلاشتۇرغۇچقا ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ ئانتېننالار ئەسلىدىنلا جانلانغان ھالەتتە بولۇپ، ئۆي ئىچىدىكى باشقا جىسىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

    «شىنجاڭ گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى