• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بالىلارغا دورىنى «قەندەلەت» دېيىش تولىمۇ خەتەرلىك

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:56 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىندا بالىلار دورىنى خاتا يەۋىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خەتەرلەر كۆپىيىپ كەتتى. شۇڭا مۇتەخەسسلەر بۇ ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىشنىڭ يولى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىشتى: بالىلارنىڭ دورىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا دورىنىڭ زادى قانداق نەرسىلىكىنى چۈشەندۈرۈش، ئاندىن نېمىشقا دورا يەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، توغرا دورا يېيىش قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بالىلاردا چوڭلارنى دورايدىغان ئادەت بار، شۇڭا بىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بالىلارنىڭ ئالدىدا دورا يېمىگەن ياخشى.

    مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: بالىلارنىڭ دورىغا بولغان تونۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، چوڭلار دورىلارنى باشقا نەرسىلەر بىلەن بىللە قويمىغان، بالىنىڭ قولى يېتىدىغان يەرلەردىن يۆتكىۋېتىش، ئەڭ مۇھىمى بالىلارغا دورا ئىچۈرۈش ئۈچۈن دورىنى «قەندەلەت» دەپ بالىلارنى ئالدىماسلىقى كېرەك.

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى