• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئائىلىدە توك ئىقتىساد قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:26 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    تېلېۋىزور كۆرگەندە:

    تېلېۋىزورنىڭ توك سەرپىياتىىڭ ئاز -كۆپلۈكى تېلېۋىزورنىڭ تۈرى، چوڭ-كىچىكلىكى، سېتىۋېلىنغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە تېلېۋىزور قانچە چوڭ بولسا، توك سەرپىياتىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، شۇڭا تېلېۋىزور سېتىۋېلىشتا، ئائىلىدىكى ئادەم سانىغا، ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراش كېرەك.

    يورۇقلۇق ۋە ئاۋازنى مۇۋاپىق تەڭشەش. بەزى ئائىلىلەر تېلېۋىزورنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى بەك يۇقىرى قىلىپ تەڭشىۋالىدۇ، بۇنداق قىلىش كۆزگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، توك ئىسراپ بولىدۇ. مەسىلەن: 22 دىيۇملۇق تېلېۋىزورنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى قىلىپ تەڭشىگەندە، توك قۇۋۋىتى 85 ۋات بولىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تەڭشىگەندە 55 ۋات بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازى بەڭ چوڭ بولسا توك سەرپىياتىمۇ چوڭ بولىدۇ.

    تېلېۋىزورنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن چاتقۇچنى چېتىلغۇچتىن ئېلىۋېتىش كېرەك، ئۇنداق قىلمىغاندا يەتتە سەككىز ۋات توك ئىسراپ بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئېنېرگىيەنى تېجەپلا قالماي، تېلېۋىزورنىڭ سۈرەت لامپىسىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

    كىرئالغۇ ئىشلەتكەندە:

    كىرئالغۇدا كىر يۇيغاندا، كىيىمنىڭ يۇيۇلۇش ۋاقتىنى رەخت تۈرى ۋە كىيىم سانىنىڭ ئاز -كۆپلۈكى، كىر بولۇش دەرىجىسىگە ئاساسەن تاللاش كېرەك. ئادەتتە بىرىكمە تالا ۋە يۇڭ توقۇلمىلىرىنىڭ ئىككى مىنۇتتىن تۆت مىنۇتقىچە، پاختا -كەندىر توقۇلمىلىرىنىڭ ئالتە مىنۇتتىن سەككىز مىنۇتقىچە، بەك كىر كىيىملەرنىڭ ئون مىنۇتتىن 12 مىنۇتقىچە، چايقىلىش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن تۆت مىنۇتقىچە بولسا بولىدۇ. يۇيۇلۇش ۋاقتىنى قىسقارتقاندا توك تېجىلىپلا قالماي، كىرئالغۇ ۋە كىيىم -كېچەكنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارىتقىلى بولىدۇ. كىرئالغۇنىڭ يۇيۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئوتتۇراھال ۋە ئاجىز دەپ ئۈچ خوتقا ئايرىلىدۇ، بۇلارنىڭ توك سەرپىياتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە يىپەك ۋە يۇڭ توقۇلمىلىرىدىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنى «ئاجىز» دېگەن خوتتا، پاختا رەخت، ئارىلاشما توقۇلما، خىمىيەلىك تالادىن تىكىلگەن كىيىملەرنى «ئوتتۇرا» خوتتا، ئەدىيال، كىرېسلو ياپقۇچى ۋە بىرېزېنت بۇيۇملارنى «كۈچلۈك»خوتتا يۇيۇش لازىم.

    «شىنجاڭ رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى