• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت- ۋاتىكان

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:14 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    پايتەخت: ۋاتىكان شەھىرى


    ئاھالىسى: 572


    كۆلىمى: 0.44 كۇۋادىرات كىلومېتىر

    ۋاتىكان ئەمەلىيەتتە رىم ئىمپىرىيەسى دەۋرىدىكى سان پىتىر چېركاۋىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىتالىيە پايتەختى رىمنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان، شۇڭا دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت دېگەن نامى بار. چېركاۋ تېمى ۋە چېركاۋغا يېيىتىلغان چاقچۇق خىشلار ۋاتىكاننىڭ ئىتالىيە بىلەن بولغان چېگرىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ %95ى ئىتالىيان تىلى ۋە كاتولىك دىنىنىڭ دىنى تىلى ھېسابلانغان لاتىن تىلىنى دۆلەت تىلى قىلغان. ۋاتىكان بىر چوڭ چېركاۋ، شۇنداقلا دۇنيا كاتولىك دىنىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ۋاتىكان ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كاتولىك دىنىنىڭ پاپا، باستېر، پوپ دېگەندەك دىنى خادىملىرىدۇر. ۋاتىكان چەت ئەلگە بولۇپمۇ نامرات ئەللەرگە چېركاۋ سېلىش ۋە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا كۆپ ياردەم بېرىدىغان دۆلەت سانىلىدۇ. ۋاتىكان مىلادىدىن ئىلگىرىكى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بۆشۈكى رىم شەھىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 4-ئەسىردە رىم ئىمپىراتورى ئاۋگوستىن ھازىرقى ۋاتىكاننىڭ ئورنىغا بىر چوڭ چېركاۋ سالدۇرغان. مىلادى 706-يىلى كارولىن ئىمپىراتورى پىپپىن ھازىرقى ۋاتىكان ۋە رىم ئەتراپىدىكى 40مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئارتۇق يەرنى پاپانىڭ مەڭگۈلۈك باشقۇرۇش رايونى قىلىپ تەقسىم قىلىپ بەرگەن. 15-ئەسىردە ۋاتىكاندىكى داڭلىق سەنئەت ئۇستىسى مىكىلان جىلو چېركاۋنىڭ ئۇمۇمى قۇرۇلمىسىنى قايتا لايىھەلەپ پاپانىڭ نۆۋەت ئالمىشىشى ۋە داغدۇغىلىق تاج كەيدۈرۈش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئويما، بېزەكلەر بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك چېركاۋ قىلىپ لايىھەلىگەن.

    1870-يىلى رىمدا پاپا ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلاپ، ئىتالىيە دۆلىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارمىيەسى رىمغا كىرگەن، پاپا بارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ ۋاتىكان چېركاۋىغا قامىلىپ قالغان. 1929- يىلى 2- ئايدا ئىتالىيە مۇسسۇلىن ھۆكۈمىتى پاپا ئامبىراگىيو بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىتالىيە ۋاتىكاننى تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدىغان مۇقەددەس زىمىن دەپ جاكارلىغان ۋە ۋاتىكاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان لاتېران كېلىشىمى تۈزۈلگەن. ۋاتىكاندا ئاساسەن ئىقتىسادى ئەسلىھە يوق بولۇپ تۇرمۇشتا ئاساسەن ئىتالىيەگە تايىنىدۇ. ئەمما ۋاتىكان ماركا ھوقۇقى، سان پىتىر چېركاۋىنىڭ مۇزىي كىرىمى ۋە شىركەت-بانكىلارنىڭ پاراۋانلىقى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت سانىلىدۇ. ۋاتىكاننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى شىۋىتسارىيەدىن كەلگەن 150 كىشىلىك داڭلىق مۇھاپىزەتچى پىدائىلار ئارمىيەسىدىن تەشكىللەنگەن. ۋاتىكان دۇنيادىكى كىچىك لېكىن تەسىرى زور دۆلەت، 161 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسى بار. ب د ت نىڭ دائىملىق ۋەكىلى بار. ۋاتىكاننىڭ تور ئالاقە ئىشلىرى تەرەققى قىلغان بولۇپ، ۋاتىكان زىمىنىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك سىمسىز تور قاپلىغان، تورغا چىقىش ۋە تېلېفون ھەقسىز.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى