• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى كىچىك دۆلەتلەر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:48 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ۋاتىكان دۆلىتى. رىمدىكى ۋاتىكان ئېگىزلىكىگە جايلاشقان، يەر كۆلىمى0.44 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت، 2011- يىلىدىكى سىتاتىستىكىغا قارىغاندا بۇ دۆلەتتە 572 نوپۇس بار. ۋاتىكان 1929- يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، رىم ئېپىسكوپ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاساسى ھوقۇقلۇق دۆلەت. زېمىنى سانكت پېتىر چوڭ چېركاۋى، شىسيان چېركاۋى، كۆلىمى 23 ئېنگىلىز مو كېلىدىغان ئوتتۇرا ئەسىردىكى باغچا ۋە باشقا قۇرۇلۇش شۇنداقلا مۇزىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    موناكو. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 75 كۋادرات ئېنگىلىز مىلى بولۇپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى كىچىك دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئىككىنچى كىچىك پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت. موناكو ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، فىرانسىيە ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قورشاپ تۇرىدۇ، نوپۇسى تەخمىنەن 30 مىڭ بولۇپ، دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ زىچ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق كەسپى ساياھەتچىلىك بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ قىمار سورۇنلىرىغا بارىدۇ ۋە بۇ يەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

    نارۋو ئارىلى. ناۋرو ئارىلى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى مىكلونىشىياغا جايلاشقان، كۆلىمى پەقەتلا 8.1 كۋادرات ئېنگىلىز مىل كېلىدىغان ئارال دۆلەت. نارۋو جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئارال دۆلەت بولۇپ، 1968-يىلى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن، نوپۇسى تەخمىنەن 9000 ئەتراپىدا.

    تۇۋالۇ. تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان تۇۋالۇمۇ بىر ئارال دۆلەت بولۇپ، يەر كۆلىمى 10 كۋادرات ئېنگىلىز مىلى كېلىدۇ. تۇۋالۇ 1568-يىلى بايقالغان بولۇپ، ئىزچىل ئەنگىلىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەن. 1978-يىلى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن. بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 10472، ھېچقانداق تەبىئىي بايلىق بولمىغانلىقتىن ئاساسلىقى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ.

    سان مارىنو. يەر كۆلىمى 24 كۋادرات ئېنگىلىز مىلى بولۇپ، دۇنيادىكى بەشىنچى كىچىك دۆلەت شۇنداقلا ياۋروپا قىتئەسىدىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىنى مىلادى 301-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، بۇ دۆلەت 1600-يىلى ئاساسى قانۇنىنى ئېلان قىلغان. سان مارىنو دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ قەرىزى يوق.

    مارشال تاقىم ئارىلى. مارشال تاقىم ئارىلى تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر كۆلىمى 70 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆپ قىسمى مارجان ئارال ۋە ئاراللاردىن تەشكىللەنگەن، نوپۇسى تەخمىنەن 62 مىڭ بولۇپ، 1986-يىلى ئامېرىكىدىن بۆلۈنۈپ مۇستەقىل بولغان، ھېچقانداق تەبىئىي بايلىقى يوق بولغانلىقتىن ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ.

    مالدىۋې. مالدىۋېنىڭ يەر كۆلىمى ياكى نوپۇسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. يەر كۆلىمى 115 كېۋادرات ئېنگىلىز مىلى، 1192 كىچىك ئارالدىن تەركىب تاپقان، ئەمما پەقەتلا 200 كىچىك ئارالدا ئادەم ئولتۇراقلاشقان. پايتەختى مالى، مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم نوپۇسى مۇشۇ يەردە ياشايدۇ.

    سان كىتتىس ۋە نېۋىس. يەر كۆلىمى 104 كۋادرات ئېنگىلىز مىلى كېلىدىغان بولۇپ، ئىككى ئارالدىن تەركىب تاپقان، كارىب دېڭىزىدىكى بىرىنچى بولۇپ ئىنسانلار مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئارال دۆلىتى. 1983-يىلى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن. بۇ دۆلەتنىڭ يەر مەيدانى كىچىك بولۇپلا قالماستىن نوپۇسىمۇ ئەڭ ئاز. ئىقتىسادىي مەنبەسى ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئاساس قىلىدۇ.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى