• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مۇۋاپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:11 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ▲مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ كامالەتكە يەتكەن تالانتىڭىزنى بايقاشتۇر. مۇۋاپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى بولمايدۇ. مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭىزنى قىلىش دىگەنلىكتىن ئىبارەت. مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش قىلماسلىققا تىگىشلىك ئىشنى قىلىش ئەمەس.

    ▲مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش تۇرمۇشىڭىزدىكى مەلۇم دائىرە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆزگىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىڭىزنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ▲مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش سىزنىڭ ئادەمگەرچىلىكىڭىزنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىنىلا كۆرسەتمەستىن ، بەلكى بەدەن، پىسخىكا، ھېسىيات، روھ قاتارلىق ھەممە تەرەپنىڭ تەرەققىياتى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئۇ پۈتكۈل ئادەمنى ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش ئۇبىكتى قىلىدۇ.

    ▲مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش سىزنىڭ ئەڭ كامالەتكە يەتكەن تالانتىڭىزنى، ماھارىتىڭىزنى ۋە ئىقتىدارىڭىزنى بايقاش ھەمدە ئۇلارنى باشقىلار ئۈچۈن ھەممىدىن ئۈنۈملۈك تۆھبە قۇشالايدىغان جايغا تەدبىقلاشتىن ئىبارەت.

    ▲يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئىگىلىك ياراتقۇچى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر ئىقتىدار ھېساپلىنىدۇ. ھالبۇكى يېڭىلىق يارىتىش ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىشتىن كېلىدۇ. ئۆگەنمىسە يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىر، يېڭى تەپەككۇرمۇ بولمايدۇ.

    ▲ۋاقىتتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلانماقچى بولسىڭىز ھەر بىر ئىشىڭىزنى ئاددىيلاشتۇرۇڭ. يەنى ۋاقىت كۆپ كېتىدىغان، ئەمما مەقسىدىڭىزنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ئانچە پايدىسى بولمايدىغان پائالىيتلەرنى قىسقارتىڭ. قىممىتى تۆۋەن ئۇششاق ئىشلارنى توختىتىڭ. شۇندىلا نۇرغۇن ۋاقىتنى تېجەپ قالالايسىز. بۇ تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ، ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭىزغا ئىمكانىيەت بېرىدۇ.
    ▲ئۇتۇق قازانغانلار خۇددى رادار ئېكرانىدەك ئۆز تۇرمۇش دائىرىسىنى ئۆزلۈكسىز كۆزىتىپ، ھەر خىل ئۇچۇرلانى ئاختۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق مەقسىدىگە تېزرەك يېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئامال- چارىلەرگە ئېرىشىشكە تېرىشىدۇ .

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى