• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خىزمەتداشلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى ئۈگىنىۋېلىڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:07 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    كونىلاردا «زېرەك ئادەم زىيان تارتماس» دېگەن سۆز بار. ئاكتىپلىق بىلەن ئەپلىشىپ قېلىش بولسا ئەقىل ئىشلىتىپ زىددىيەتنى ھەل قىلغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ئاكتىپلىق بىلەن ئەپلىشىپ قېلىش كوللېكتىپ روھقا ئېھتىياجلىق، پەقەت كوللېكتىپ روھنى جارى قىلدۇرغاندىلا ئاندىن ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

    ▲ زىددىيەتنى ھەل قىلغاندا ئەقلىڭىز بىلەن كوللېكتىپ روھنى تەڭ ئىشلىتىپ باشلىقىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلاشقۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ، ئاندىن ئۆزىڭىزگە ياخشى خىزمەت مۇھىتى ھازىرلىشىڭىز لازىم.

    خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن خىزمەت جەريانىدا ياكى بۇنداق ياكى ئۇنداق ئۇۋالچىلىقلارغا ئۇچرىشىڭىز مۈمكىن. بۇنداق چاغدا چوقۇم سوغۇققانلىق بىلەن ئەھۋالنى ياخشى ئويلىشىپ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا مۇھىم ئىشلارنى ئالدىن ئويلاپ يېتىپ، ئۆزىڭىزگە بىر ياخشى ياشاش مۇھىتى ھازىرلىشىڭىز كېرەك.

    ئادەتتە شىركەتتە سىز بىر ئادەتتىكى ئىشخانا خادىمى بولۇشىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىز ۋە باشلىقىڭىز بىلەن يۈزتۇرانە زىددىيەتلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز لازىم. مەسىلەن: باشلىقىڭىز سىز ئالدىنقى كۈنى بەرگەن توختامنى تېخى كۆرمىگەن ياكى باشقا جايدا قويۇپ قويغان بولسا، بىراق مەسئۇلىيەتنى سىزگە ئارتىپ توختامنى مېنىڭ يېنىمغا ئەكىرىپ بەرمىدىڭىز دېسە، سىز چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرلىشىپ ئولتۇرماي، «بولىدۇ، مەن چىقىپ قاراپ باقاي، مەن ھۆججەتلەرنى سىزگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەلمەپتىمەن، كەچۈرۈڭ» دەپ قايتىپ چىقىپ، كومپيوتېردىن ھۆججەتلەرنى قايتىدىن چۈشۈرۈپ، رەتلەپ باشلىقىڭىزنىڭ ئالدىغا قايتا ئەكىرىپ بەرسىڭىزلا، ھەممە ئىش ئۆز يولىدا ئاخىرلىشىدۇ ۋە باشلىقىڭىزنىمۇ ئوڭايسىز ھالەتتىن قۇتۇلدۇرالايسىز. بۇنداق ئەھۋالدا باشلىقىڭىز سىزنىڭ ئەستايىدىل ۋە سالماق ئادەملىكىڭىزنى كۆرۈپ يېتىپ 2- قېتىم سىزنى ھەرگىز بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ، چۈنكى باشلىقنىڭ كۆڭلىگە ئۆزىنىڭ ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ئايان.

    ▲مەيلى قانداق ئىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر، زىدىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى پەقەت ھەمكارلىشىش. ناۋادا سىز پەقەت ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىپ قويۇش ياكى ھەق- ناھەقنى تېگىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كىمنىڭ خاتا، كىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايمەن دەيدىكەنسىز، ئۇ ھالدا چوقۇم بىر تەرەپ ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ. دېمەك، كىچىك ئىشلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەندىلا، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ.

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى