• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مادرىد رېقابەت كولۇبىنىڭ رەئىسى: كوستانىڭ 1-ئايدا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:31 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    مادرىد رېقابەت كۇلۇبىنىڭ رەئىسى سېلېدو يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قىشلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە كوستانىنىڭ مادرىد رېقابەت كوماندىسىغا قايتىپ كېلشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    كونتىنىڭ ئۇچۇر ئارقىلىق كوستاغا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پىلانىدا يوقلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كوستانىڭ ئىنتايىن نارازىلىقى قوزغىغان، كوستامۇ كۆپ قېتىم ئەمدى چېلسىغا قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپى تۈپەيلى كوستا بۇ يازدا ئىزچىل ھالدا برازىلىيەدە ۋاقىت ئۆتكۈزگەن.

    كوستا ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ مادرىد رېقابەت كوماندىسىغا قايتقۇسى بارلىقىنى يوشۇرمىغان بولۇپ، بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە مادرىد رىقابەت كوماندىسىمۇ كۆپ قېتىم كوستاغا باھا قويغان، لېكىن چېلسى ئىزچىل ئۇلارنىڭ باھاسىنى رەت قىلغان ھەمدە 60 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسىغا ئېرىشمەكچى بولغان. گەرچە يۆتكىلىش كۆزنىكى تاقىلىش ئالدىدا ئىككى كۇلۇب بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، ۋاقىت يېتىشمىگەنلىكتىن بۇ سودا كۆپۈككە ئايلانغان.

    مادرىد رېقابەت كۇلۇبىنىڭ رەئىسى سېلېدو مۇنداق دېگەن: 1-ئايدىن بۇرۇن بىز ھېچقانداق توپچى قوشۇۋالالمايمىز. لېكىن 1-ئايغا بارغاندا، مەن كوستانىڭ ۋە بەزى توپچىلارنىڭ مادرىد رېقابەت كوماندىسىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى