• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يۇۋىنتۇسمۇ مۇللېرغا ئېرىشىش سېپىگە قوشۇلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:30 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۇۋىنتۇسمۇ ھازىر مۇللېرغا ئېرىشمەكچى بولغان كۇلۇبلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارمۇ 2018-يىلى يازدا مۇللېر ئۈچۈن باھا قويىشى مۇمكىن ئىكەن.

    «تورىن تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋىرگە ئاساسلانغاندا، توماس مۇللېر ئانچىلوتتىنىڭ قولىدا يېتەرلىك پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان ھەمدى ئەگەر بۇ ئەھۋال يەنىلا ئۆزگەرمىسە، ئۇنىڭ كېلەر يىلى يازدا بايرېندىن ئايرىلىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.

    ئېگىلىنىشىچە، بۇنداق ئەھۋالدا، يۇۋىنتۇسمۇ چېلسى، لىۋېرپول ۋە ئارسېنال قاتارلىق كۇلۇبلارغا ئوخشاش مۇللېرغا ئېرىشىش سېپىگە قوشۇلغان.

    گەرچە مۇللېر ھازىر 27 ياش بولسىمۇ، 2008- يىلىدىن ھازىرغىچە ئۇ بايرېنغا ۋاكالىتەن 398 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەمدە 161 توپ كىرگۈزگەن. ئۇندىن باشقا، ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 87 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، ھەمدە 37 توپ كىرگۈزگەن.

    لېكىن، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە مۇللېر بايرېن ئۈچۈن پەقەت 9 توپ كىرگۈزگەن، بۇ ئۇنىڭ 2008-، 2009- مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى