• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دىراكسىلېر بۇ يىل يازدا بارسېلونانىڭ ئۆزىنى قوشۇۋېلىشىنى كۈتكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:29 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىراكسىلېر دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپداشلىرىغا بۇ يىل يازدا ئۆزىنىڭ ئىزچىل ھالدا بارسېلونانى ساقلىغانلىقىنى، لېكىن ئاخىرىدا يۆتكىلىش يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

    يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە بارسېلونا ئىزچىل ھالدا كوتىنھونى قوغلاشقان، ئۇندىن باشقا دىمارىيامۇ ئۇلارنىڭ قوشۇمچە نىشانى بولغانبولسىمۇ بۇ ئىككى توپچى ئاخىرىدا بارسېلوناغا قوشۇلالمىغان، يۆتكىلىش كۆزنىكىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە بارسېلونانىڭ نىشانى دىراكسىلېرغا چۈشكەن.

    دىراكسىلېر ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئوتتۇرىدا پارىژغا قوشۇلغان، ھەمدە ئىزچىل ھالدا سول يان ھۇجۇمچى ئورنىدا ئاساسلىق ھۇجۇمچى بولۇپ كەلگەن، لېكىن نېيمارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇ ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان. «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ بىلدۈرىشىچە، يېقىندا دىراكسىلېر دۆلەت كوماندىسىدىكى دوستلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەسلىدە بارسېلوناغا قوشۇلغۇسى بارلىقىنى ئېيتقان.

    گەرچە دىراكسىلېر بارسېلوناغا قوشۇلۇشنى يۆتكىلىش كۆزنىكى تاقالغىچە كۈتكەن بولسىمۇ، بارسېلونا «تېخنىكا سەۋەبى» تۈپەيلى دىراكسىلېرنى كىرگۈزۈشنى خالىمىغان. نېسنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى سېررىيمۇ ئوخشاش سەۋەب تۈپەيلى بارسېلوناغا يۆتكىلەلمىگەن.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى