• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شىنجاڭ تەپمە بوكس كوماندىسىنىڭ ماھىرى تيەن جيەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:28 09-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەرنىڭ 80 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر تەپمە بوكىس مۇسابىقە تۈرىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ماھىرى تيەن جيەن ئالتۇن كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

    شۇ كۈنى، شىنجاڭ تەپمە بوكىس كوماندىسى ماھىرى تيەن جيەن سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقە تۈرىدە، 4 كە قارشى 24 نومۇر بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى كوماندىسىنىڭ ماھىرى خۇ ياشىننى ئۇتۇۋالغان؛ يەنە تۆت كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقىسىدە 2 گە قارشى 23 نومۇر بىلەن خۇبېي كوماندىسىنىڭ ماھىرى جاۋ مىڭمىڭنى ئۇتۇۋالغان؛ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 3 كە قارشى 22 نومۇر بىلەن ئىچكى موڭغۇل كوماندىسىنىڭ ماھىرى سۈن خۇڭيىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.

    ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، تيەن جيەن 5 كە قارشى 20 نومۇر بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى ياڭ يىنى يېڭىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.

    ھازىرغىچە، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى ئالتە ئالتۇن مېدال، يەتتە كۈمۈش مېدال، 12 مىس مېدالغا ئېرشتى.

    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى