• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:28 08-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺳﯘ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺗﯧﻴﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺭﻭﻟﻰ بار ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻟﯘﻕ ﮬﺎﯞﺍ ﺭﺍﻳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﺎ ﻣﯘﻓﺘﺎ، ﺗﻮﺭﻣﯘﺯ ﯞﻩ ﻣﺎﻱ ﺗﻪﭘﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺗﻮﺭﻣﯘﺯ ﺩﻩﺳﺴﻪﺷﻜﻪ ﻛﺎﺷﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ.

    «D+» ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﺭﻛﻪﻣﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯓ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺷﻮﭘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭﻣﯘﺯ ﺗﯘﺗﯘﺷﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺧﻪﯞﭘﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯞﯦﺘﯩﺪﯗ.

    ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺟﯩﭙﺴﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ، ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺧﻪﯞﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ، ﺑﯘ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﭙﺴﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭ، ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﻛﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯞﯦﺘﯩﺪﯗ، ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺗﺎﺯﯨﻼﺷﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯨﻨﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺟﺎﻳﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﯚﺗﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﺎﺯﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻳﻮﻕ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻏﻪﻳﺮﻯ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﺎ ﺑﯘﺭﯗﻧﻨﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺧﻠﻮﺭﻛﻮﺳﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯘ ﺧﯩﻤﯩﻴﯟﯨﻠﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯓ، ﺷﯘﯕﺎ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى