• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ گۈزەل گىگانت چولپان - سېردىۋى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:23 08-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    سېردىۋى 1963–يىلى 8–ئاينىڭ 13–كۈنى تۇغۇلغان، بىر چولپان بولۇش سۈپىتى بىلەن سېردىۋىنىڭ ھىندىستان كىنوچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى مىسلىسىزدۇر، ئۇ ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى ئايال ئىلاھ ھېسابلىنىدۇ.

    سېردىۋى نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولغاچقا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 7– يىللىقتىن كېيىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان، ئۇ 4 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ كىنودا رول ئالغان، 13 ياش ۋاقتىدا كىنو فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

    كەسپى ئەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىللەردە نۇرغۇن ئامرىكىلىق بايلار ۋە ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان ھىندىستانلىقلار سرېدىۋىغا توي تەكلىپى قويغان بولۇپ، ئۇ ھەممىنى رەت قىلغان، چۈنكى ئۇ ئائىلىسىنىڭ بىردىنبىر كىرىم مەنبەسى بولۇپ، كىنو ئىشلەپ ئاپىسىنى، سىڭلىسىنى، ئۆگەي دادىسىنى ھەم ئۆگەي ئاپىسىنى باقاتتى. ىسرېدىۋىيەنە ئۆتكۈر مودا ئېقىمى ۋە ئىزچىل تۈردە مودىغا باشلامچىلىق قىلغانلىقى بىلەن داڭلىق، ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ھەربىر كىنوسىدا كىيگەن كىيىملىرى شىددەت بىلەن مودىغا ئايلىناتتى، مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ سرېدىۋى ھەر ۋاقىت مودا ھەم تەنناز تۇرقى بىلەن ھەربىر پائالىيەتلەردە ئۆزىنى كۆرسۈتۈپ تۇرىدۇ.

    1977–يىلدىن 1983–يىلغىچە ئۇ تامىر تىلى، تېلۇگۇ تىلى ۋە مالايامۇ تىلىدىكى كىنولارنىڭ گىگانىت چولپىنى بولغان. 1979– يىلدىن باشلاپ سېردىۋى ھىندى تىلدىكى كىنولاردا رول ئېلىشقا باشلىغان، ئۇ 1983–يىلى رول ئالغان فىلىم Himmatwala غا تايىنىپ ۋوللىۋودنىڭ گىگانت چولپىنىغا ئايلانغان. ئۇ 10 نەچچە يىل بوللىۋود كىنو خانىشى دېگەن نامنى ساقلاپ كەلگەن، ئۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ئەقلى–ھوشىنى لال قىلىدىغان سېھرىي كۈچ بار بولۇپ، ھىندىستان ۋوللىۋودتىكى ئەڭ يورۇق يۇلتۇزدۇر. 80– ۋە 90– يىللاردا ۋوللىۋودنىڭ ئايال ئارتىسلىرى كىنودا پەقەت ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشقىلا چىقاتتى، لېكىن سېردىۋى رول ئالغان فىلىملەردە ئۇنىڭ ئوبرازى ناھايىتى مۇكەممەلدۇر. مەيلى قەددى – قامىتى ياكى ھۆسىن جامال جەھەتتىن ئۇ تەڭداشسىزدۇر. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ رول ئېلىشتىكى تەبئىيلىكىدە، سېردىۋى ناھايىتى تالانتلىق بولۇپ، ئۇ سىزنى كۈلدۈرەلەيدۇ ھەم يىغلىتالايدۇ.

    ئەينى دەۋردە ىسرېدىۋى فىلىم ئىشلەش جەريانىدا كىلىشكەن چولپان مىتۇن چاكرابورتىينى بىلەن بىر-بىرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئەمما بۇ چاغدا مىتۇن توي قىلىپ بولغان ئەر ئىدى، شۇنداقتىمۇ بۇلار بىرمەزگىل قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ ھەتتاكى مەخپىي توي قىلىۋالىدۇ، ئەپسۇس مىتۇننىڭ ئايالى ئىزچىل ئاجرىشىشقا ئۇنىمىغانلىق سەۋەبىدىن سرېدىۋى مىتۇندىن ئايرىلىپ كىتىدۇ.

    1995-يىلى سرېدىۋى ۋوللىۋودتىكى فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژىسور بونىي كاپۇر بىلەن توي قىلىدۇ، بونىي كاپۇر سرېدىۋىنى مەستانىلەرچە ياخشى كۆرگەن بولۇپ، ھەتتاكى توي قىلغىلى 22 يىل بولغان مۇشۇ كۈنلەردىمۇ بونىي سرېدىۋىغا مۇھەببەتلىك كۆزلىرى بىلەن سۆزلەيدۇ، سرېدىۋى توغۇرلۇق گەپ بولۇنغاندا بولسا ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھازىر سرېدىۋىنىڭ گۈزەل جامالىغا ۋارىسلىق قىلغان چىرايلىق ئىككى قىزى بار بولۇپ، سرېدىۋى ئىككى قىزىغا يئېرى ئىشلىگەن، ئۆزى باش رول ئالغان ئىككى كىنودىكى باش پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمىنى قويغان. ھازىر سرېدىۋىنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن بەخىتلىك بولۇپ، ھەر قىتىم ئائىلىسى توغۇرلۇق گەپ بولۇنغاندا ئۇ ئۆزىگە ئىزچىل مەدەت بەرگەن ھەم مۇھەببەتلىك تۇرمۇش ئاتا قىلغان ئېرىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.

    سېردىۋى 1997–يىلى كىنو ئېكۋانىدىن چېكىنىپ چىققان. بۇ 20 يىل جەريانىدا ئۇ 14 قېتىم ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى مۇكاپاتىنىڭ نامىنى ئاتاشقا ئېرىشىپ، 4 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. تەخمىنەن 250 تىن ئارتۇق فىلىمدە رول ئالغان.

    بۇ يىل سرېدىۋى توپتوغرا 54 ياشقا كىردى، ئۇنىڭ 54 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ۋوللىۋودتىكى نۇرغۇن چولپانلار بىرلىكتە تەبرىكلىدى. ئۇ ھازىر ئەينى چاغدىكى چوڭ خۇمار كۆزلىرى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە قارىتالايدىغان ساھىبجامال قىز ئەمەس، بەلكى بىر ئانا، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئائىلىسىگە ئاتىغان مىھرىبان ئايال.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى