• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە نۇرغۇن يېڭىلىقلار يۈز بەردى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:06 08-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيەنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى، ئەمما تەنتەربىيەنى بىلىدىغان كىشىلەر بۇنىڭدىن يېڭى ئوي- پىكىر ۋە يوللارنى كۆرۈۋالدى.

    تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتۇن مېدال رەت تەرتىپى، مۇكاپات رەت تەرتىپى تەسىس قىلىنمىغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مۇسابىقە نەتىجە تىزىملىكىلا ئېلان قىلىندى، بۇنىڭدا ئالتۇن مېدال ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇش ئىدىيەسى يوق، باھالاش كۆرسەتكۈچىدە تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر توغرا تەنتەربىيە نەتىجىسى قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەندى.
    يەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 19 چوڭ تۈردىكى 126 كىچىك ئاممىۋىي تۈر بۇنىڭغا كىرگۈزۈلدى، 8000غا يېقىن ئىشتىن سىرتقى ماھىر، ئەل ئارىسىدىكى ماھىرلار مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش قارىشىنى جانلىق يېشىپ بەردى، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، ئومۇمىي خەلق تەڭ بەھرىمەن بولۇشتەك قىممەت قارىشىنى نامايەن قىلدى.

    تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سۇ ئۈزۈش، يېنىك ئاتلېتىكا، كېمە مۇسابىقىسى، تىك- تاك توپ قاتارلىق 10 چوڭ تۈردىكى 49 كىچىك تۈر يەنى ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلەردە ئورۇن ھالقىغان كوماندىلار مۇسابىقىگە قاتنىشىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تېخنىكا ۋە تاكتىكا جەھەتتىن ماسلاشقان تۈرلەردە ھەمكارلىشىپ كوماندا تەشكىللەپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلدى.

    مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىدىن بولغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ شەخسىي سالاھىيەت بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلدى. تاللاش ئارقىلىق، چەۋەندازلىق، قارىغا ئېتىش، يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق 4 چوڭ تۈرگە تىزىملاتقان 8 جۇڭگولۇق ۋە جۇڭگو مۇھاجىرىدىن بولغان تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە سەھنىسىگە چىقتى.

    تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش ھالقىسىدىمۇ ئۆزگىچە ئىش يۈز بەردى، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا ئېرىشكەن ماھىرلار مۇكاپات سەھنىسىگە چىققاندا، ماھىرلاردىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ تېرىنېرلىرىمۇ سەھنىگە چىقتى، بۇ ئۇستازلارغا ھۆرمەت قىلىش روھىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ تېرىنېرلارنى زور دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ۋە ئۇلارغا ئىلھام بەرگەنلىك.

    «خەلق تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى