• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﻳﯧﮕﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:53 08-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ. ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯧﺴﯩﻤﺪﺍ، ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﻰ ﮬﻪﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﺗﯜﻧﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ.

    1. ﺷﻮﺧﻼ. ﺷﻮﺧﻼ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ C ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺷﻮﺧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ, ﭼﯜﭼﯜﻣﻪﻝ، ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛﺵ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﺶ، ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺳﯘﯞﯗﺗﯘﭖ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﮬﻪﺭ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯩﻠﻮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺷﻮﺧﻼ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﭘﯩﻨﻰ %20 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺷﻮﺧﻼ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻟﯩﻜﻮﭘﯧﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    2. ﺳﻪﯞﺯﻩ. ﻛﺎﺭﻭﺗﯩﻨﻨﯩﯔ «ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﯩﻴﺎﮪ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ A ﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﻛﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯞﻩ ﺭﺍﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ A ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭺ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺳﻪﯞﺯﻩ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

    3. ﭘﺎﻟﻪﻙ. ﭘﺎﻟﻪﻙ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺴﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﻟﻪﻙ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﻮﻟﯩﻚ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﺎﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻓﻮﻟﯩﻚ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺵ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ، ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﯘﻟﯩﻨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ، ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﭼﻮﯕﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﻟﯩﺘﯩﺶ، ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    4. ﻗﯧﺘﯩﻖ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺷﺘﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯜﺕ ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﯧﺘﯩﻖ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻗﯧﺘﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻻ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﯩﭽﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ

    ﻗﯧﺘﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ، ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻓﯧﺮﻣﯧﻨﺖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯩﻨﻮ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ-ﺩﻩ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﺪﯗ. ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﯧﺘﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﭗ، ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻢ، ﻗﺎﻧﺪﺍ ﻣﺎﻱ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯜﺭﻩﻙ- ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

    5. ﻳﺎﯕﺎﻕ. ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻟﯩﻨﻮﻟﯧﺌﯩﻚ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ ﮔﻠﯩﺘﺴﯧﺮﯨﻦ ﻣﯧﻴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﻳﯘﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﻱ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻦ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﺎﯕﺎﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻓﻮﺳﻔﺎﺗﯩﺪ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻣﯧﯖﯩﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

    «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى