• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيا ناخشا خانىشى-ئادېل ADELE

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:44 08-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئادېلنىڭ «19»ناملىق تۇنجى ناخشا پلاستىنكىسى مېركۇرىي مۇزىكا مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئەنگىلىيە مۇزىكا شەرەپ تاختىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ پىلاستىنكىنىڭ ئەنگلىيەدىكى سېتىلىشى 2 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. «21»ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارى 18 مىليونلۇق رېكوردنى ياراتقان. دۇنيا مىقياسىدا 26 مىليون پارچە ناخشا پلاستىنكىسى سېتىلغان. 2012- يىلى، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا گۈزىلى نامزاتىدا 14-ئورۇندا تۇرغان.

    2012-يىلى ئادېلغا نىسبەتەن دۇنيا ناخشا مۇنبىرىدە مۆجىزە ياراتقان بىريىل بولغان. ئادېلنىڭ ناخشا ئاۋازى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئالقىشقا ئېرىشتى. گرەممېي مۇكاپاتىدىن ئەنگىلىيە مۇزىكا مۇكاپاتىغىچە، ئادېل مۇكاپاتنى تازا ئالدى. «يىللىق ئەڭ ياخشى پىلاستىنكا»، «ئەڭ مودا ناخشىچى»، «يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشا»، «يىللىق ئەڭ ياخشى ئىجادىيەتچى» قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ئالتۇن قىممىتىدىنمۇ ئارتۇق چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ، مۆجىزە ياراتقان. بۇ يىل تۆتىنچى ئايدا «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»دا،2012- يىلدىكى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە زاتلار شەرەپ تاختىسىدا ئادېلنىڭ ئالتۇن تىزىملىككە نامى چىقىرىلغان، ئىقتىساد جەھەتتە ئۇنى زور مەنپەئەتلەندى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. «21» ناملىق ناخشا پلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 5 مىليون پارچە بولۇپ، قىممىتى14 مىليون فوندستېرلىڭ، ئۆزىنىڭ ئابروي قىممىتى 20 مىليون فوندستېرلىڭغا ئۆرلىگەن.

    ئادېل قانداق قىلىپ بۇنداق زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن؟ قانداق قىلىپ دۇنيا مىقياسىدا ئادېل قىزغىنلىقىنى قوزغىغان؟ قانداق قىلىپ دۇنيادا 21 مىليون پارچە ناخشا پلاستىنكىسى ساتالىغان؟ چۈنكى ئۇنىڭدا مول سېھرىي كۈچ بار. چۈنكى ئۇنىڭ يېقىملىق توم ئاۋازى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالالىغان. كىشىنىڭ قەلب تارىسىنى چېكەلىگەن ناخشا تېكستلىرى، ناخشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا تىترەپ چىققان ئالاھىدە ناخشا ئاۋازى ئارقىلىق تىمتاسلىقنى، سوغوقلىقنى بۇزۇپ كىشى قەلبىنى ۋىللىدە ئىللىتالىغان. ئۇ قەلب ئاۋازى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھەببەتتە كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچرىغان ياشلارنى تەسىرلەندۈرەلىگەن. ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئاۋاز بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە غەيرىي ئۇسلۇبتىكى كىيىنىش، چاچ پاسۇنلىرى، ئۆزى ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلىرى بولۇنۇپ باقمىغان. ئادېل 1988- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا جاز مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن. 14 يېشىدىن باشلاپ ئاھاڭ ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن. 18 يېشىدا لوندوندا سەنئەت فاكۇلتىتېنى پۈتتۈرگەن، مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا نۇرغۇن مۇزىكانتلار بىلەن بىللە سەييارە ئويۇن قويۇشلارغا قاتناشقان.

    گرەممېي ئايال شاھى

    ئادېلنىڭ ناخشىسى ئەنگىلىيە BBCيېڭى ئاۋازىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورنىدا تۇرغان. ئادېل ھازىرغا قەدەر ئاپىسى بىلەن بىللە لوندوندا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇ پەقەتلا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق ئالاھىدە ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمۇ يوق ئىكەن.

    كەسىپتە ئۇچقاندەك ئۆرلەش

    «مۇھەببەتتىكى ئىنتىلىش» ئادېلنىڭ ھەقىقىي داڭق چىقارغان ناخشىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ناخشىدا ئۇنىڭ ئىلگىرى ئالتە ئاي مۇھەببەتلەشكەن ئوغۇل دوستىنىڭ ئادېلنى مۇھەببەتتە ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. بىر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدە، ئادېل ئوغۇل دوستى ئويناۋاتقان قاۋاقخانىغا بېرىپ، بىر تەستەك سېلىپ چىقىپ كېتىدۇ، كوچىدا يالغۇز كېتىۋېتىپ:«مەن نېمە ئۈچۈن نەتىجىسى يوق ئىشنى قوغلىشىمەن» دەپ ئويلىغان، شۇنىڭ بىلەن «مۇھەببەتتىكى ئىنتىلىش»دېگەن ناخشا بارلىققا كەلگەن. بۇ ناخشىسىدىن ئادېلنىڭ ئازاپ-ھەسرىتىنى ھېس قىلىۋالغىلى بولىدۇ. 2009- يىللىق گرەممېي مۇكاپاتىدا،«مۇھەببەتتىكى ئىنتىلىش» ناخشىسى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئوبراز مۇكاپاتىغا ۋە ئەڭ مودا ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشىش بىلەن بىللە يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشا پلاستىنكا ۋە يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشىچى مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىغا كۆرسۈتۈلگەن.

    «مۇھەببەتتىكى ئازاب»

    ئادېل بۈگۈنگە قەدەر ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ھەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور نەتىجىلىك ئىجادىيەتلەرنى ياراتقان. ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ناخشىچى دېسەكمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. «مۇھەببەتتىكى ئازاب» ناخشىسى ئامېرىكىدا كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، بازىرى ئەڭ ئىتتىك ناخشىغا ئايلانغان، ھەمدە يەتتە ھەپتە ناخشا رېتىدە ئۈزلۈكسىز چېمپىيون بولغان.

    «سەندەك بىرسىنى چوقۇم تاپالايمەن»

    ئادېلنىڭ «سەندەك بىرسىنى چوقۇم تاپالايمەن» دېگەن ناخشىسى كىشى يۈرىكىنى ئەڭ ئېزىدىغان ناخشا ھېسابلىنىدۇ. ھەر قېتىم بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئادەمنىڭ يىغلىغۇسى كېلىدۇ. نەق مەيداندا پىئانىنونىڭ تەڭكىشى، بۇ ناخشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە: ھېچقىسى يوق، مەن ھامان بىر كۈنى سەندەك بىرىنى تاپالايمەن، مەن پەقەت سېنىڭ مېنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭنىلا ئۈمىد قىلىمەن، ساڭا بەخت تىلەشتىن باشقا ھېچقانداق تەلىپىم يوق، مۇھەببەت بەزىدە مەڭگۈلۈك،بەزىدە شۇقەدەر كىشىنى ئازابلايدۇ دېگەن گېپىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن، دېيىلگەن. بۇنداق ناخشا تېكىستتى كىشى قەلبىنىڭ ئەڭ نازۇك جايلىرىغا ھەقىقەتەنمۇ زەربە بەرگۈسى. «سەندەك بىرسىنى چوقۇم تاپالايمەن»دېگەن ناخشا ئامېرىكا تارىخىدا پەقەتلا پىئانىنو تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن تۇنجى ناخشا ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى پۈتۈن ئامېرىكىدا چېپىيونلۇققا ئېرىشكەن لىرىك ناخشىدۇر. ئادېلنىڭ «سەندەك بىرسىنى چوقۇم تاپالايمەن» ناخشىسى ئامېرىكىدىكى ناخشا رېتىدە بەش ھەپتە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ئادېل تارىختا تۆتىنچى بولۇپ بىر يىل ئىچىدە ئىككى ناخشىسى ئەڭ ئاز دېگەندە بەش ھەپتىلىك چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئايال ناخشىچى.

    2011- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى ئەنگىلىيە مۇزىكا مۇكاپاتىدا، ئادېل سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن، رىياسەتچى: سېنىڭ چوقۇم مۇنداق بىر كەچۈرمىشىڭ بار، سەن بۇ ناخشىدا ھاياتىڭدىكى مەلۇم بىر باسقۇچتىكى ھېسسىياتىڭنى ھېس قىلالايسەن، ئادېل دەل مۇشۇنداق ناخشىچى، ئۆتمۈشتىكى ئازاپلىق كۈنلىرىڭنى قايتىدىن ساڭا ئەسلىتىدۇ، دېگەن. دەل مۇشۇ پەيتتە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرى، غۇۋا سەھنە چىراقلىرى، پىئانىنونىڭ تەڭكىشى بىلەن ئادېل ھېسسىياتقا تولغان ئاۋازى بىلەن ناخشىسىنى باشلىغان. سەھنىدە ھېچقانداق يانداش سەنئەتكارلار يوق، پەقەت ۋە پەقەتلا ئادېلنىڭ ۋە پىئانىنونىڭ سۈزۈك ئاۋازىلا بار. ناخشا ئاخىرلىشاي دېگەندە تاماشىبىنلار ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى ، ئادېل ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىاي كۆزىدىن ياش ئاققۇزدى.بۇ مەنزىرە ئۇ ھەر قېتىم سەھنىگە چىققاندا تەكرارلاندى.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى