• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - دىكىپا.پادۇكونى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:16 08-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    دىپىكا.پادۇكونى 1986– يىلى 1–ئاينىڭ 5–كۈنى تۇغۇلغان، ھازىرقى زامان ھىندىستان ۋوللىۋود كىنو خانىشى. ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسىن–جامالى، قاملاشقان قامىتى، قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى قاتارلىقلار ئۇنى ھىندىستاندىكى ئەڭ ئالقشلىق چولپانلارنىڭ بىرى بولۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلدى، ئۇ يەنە ھىندىستاندىكى فىلىم ھەققى ئەڭ قىممەت چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ رول ئالغانلىكى فىلىم ناھايىتى يۇقىرى بېلەت كىرىمىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

    2007–يىلى، دىپىكا ۋوللىۋودتىكى تۇنجى فىلىمى «ئەسىر ھالقىغان مۇھەببەت » تە رول ئېلىپ، ۋوللىۋودنىڭ ئوسكار مۇكاپاتى ھېسابلىنىدىغان Filmfare نىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ئايال چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە بىر كېچىدىلا ھەممىگە تونۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر مەزگىل ھەرخىل باھاغا ئېرىشكەن، 2011–يىلىدىكى ئىپادىسى فىلىم باھالىغۇچىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.

    ئىككىنچى يىلى ئۇ «كوكتىل ھارىقى » فىلىمىدە رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېلىپ ئۆزىنىڭ ھەققىقىي ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان. «كوكتىل ھارىقى » فىلىمى ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىنىڭ بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.

    2013–يىلى، ئۇ 4 فىلىمدا رول ئالغان، « تەلۋە ياشلىق»، «كىنناي تېز پويىزى» قاتارلىق فىلىملار ناھايىتى ئالقىشلىق فىلىملاردىن بولۇپ قالغان، ئۇ تۇنجى Fiemfare نىڭ يىللىق مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، 2013–يىلى ۋوللىودتىكى ئەڭ قالتىس مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن دىكىپانىڭ دەۋرى يېتىپ كەلگەن.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى