• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شىنجاڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:41 08-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 4000 ئوقۇغۇچىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدۇ، ئۇلار تەربىيەلەش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن دۆلەت كارخانىلىرى، مەركەز كارخانىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلىدىغان بۇ ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن، تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە كەسپىي بىلىم ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىدىكەن، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىغا ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ماھارەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدىكەن.

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيەلەنگىلى بارىدىغانلار مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرى، شىنجاڭغا كىرگەن چوڭ كارخانىلار ۋە تۈرلۈك پۇقراۋى كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. شىنجاڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 20 نەچچە تۈرلۈك كارخانىدا بۇ ئىستۇدېنتلار ئۈچۈن 6000 دىن كۆپ ئىش ئورنى ھازىرلىغان.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى