• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﻧﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:43 07-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺑﺎﻧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﻯ: ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ. ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﻛﺎﻟﯩﻲ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺘﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﻮﻗﯘﺵ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﺶ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ، ﺑﺎﻧﺎﻥ ﻳﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺑﺎﻧﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ 400 ﻣﯩﻠﻠﯩﮕﺮﺍﻡ ﻛﺎﻟﯩﻲ ﺑﺎﺭ، ﻛﺎﻟﯩﻲ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﯨﺸﯩﺪﺍ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ، ﻧﯧﺮﯞﺍ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ.

    ﺩﯦﯟﻩﯕﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻧﺎﻥ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ. ﮬﻮﺷﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯦﯟﻩﯕﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

    ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﯜﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺪﯗ. ﺑﺎﻧﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ 5-ﺳﯧﺮﻭﺗﻮﺗﯩﻦ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﻪ 5-ﺳﯧﺮﻭﺗﻮﺗﯩﻦ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﯜﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺪﯗ.

    ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺳﭙﯧﺮﻣﺎ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ. ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺳﭙﯧﺮﻣﺎ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻰ، ﺑﺎﻧﺎﻥ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻧﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭ ﺑﺎﺭ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﮔﻨﯩﻲ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﻣﺎﮔﻨﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯜﭺ ﻣﺎﺩﺩﺍ، ﺋﯘ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻨﻰ ﺭﺍﮬﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻣﺎﮔﻨﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ «ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ» ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ، ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ،ﺳﭙﯧﺮﻣﺎ ﺳﯘﻳﯘﻗﻼﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺳﭙﯧﺮﻣﺎ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﮔﻨﯩﻲ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

    «شىنخۇا تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى