• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:40 07-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ، ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺑﯩﻠﻮﮒ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻣﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.

    ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﻰ «ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎﺕ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ» ﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎﺕ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﺑﻮﻧﯩﺘﻼﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻣﻪﺧﭙﻰ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻨﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎﺕ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﯩﯔ ﯞﯨﺮﯗﺳﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺳﯩﺮﻻﺭ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﺑﺎﻧﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺑﻮﻧﯩﺘﻼﺭ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﮬﻪﻕ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﯩﺘﯩﮕﻪ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﺎﻧﻜﯩﻼﺭ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎﺕ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

    «شىنخۇا تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى