• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:36 07-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﺘﺮﻭﻳﺖ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﺘﯘﺗﮕﺎﺭﺕ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﻦ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﻮﻳﻮﺗﺎ. ﺩﯦﺘﺮﻭﻳﺖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻤﯘ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 4 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 420 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺩﯦﺘﺮﻭﻳﺘﺘﺎ %91 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺒﺎﺏ، ﻓﻮﺭﺩ ﯞﻩ ﻛﺮﻩﻳﺴﯩﻠﯧﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺷﺘﺎﺑﻰ ﺩﯦﺘﺮﻭﻳﺘﻘﺎ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ 4/1 ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺩﯦﺘﺮﻭﻳﺘﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ.

    ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﺘﯘﺗﮕﺎﺭﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺟﺎﻱ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺑﯧﻨﺰ ﯞﻩ ﭘﻮﺭﺳﭽﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺷﺘﺎﺑﻰ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺷﺘﯘﺗﮕﺎﺭﺕ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 600 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺗﻮﻳﻮﺗﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻳﻮﺗﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ. ﺗﻮﻳﻮﺗﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ 280 ﻣﯩﯔ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻮﻳﻮﺗﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﯩﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻯ %62 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺗﻮﻳﻮﺗﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ 10 ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ, ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ 1240 ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﯘﭼﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺭ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 130 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 1-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

    ﺗﯘﺭﯨﻦ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ, ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻓﯩﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺟﺎﻳﻰ. ﺗﯘﺭﯨﻨﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 200 ﻣﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 350 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ %75 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻓﯩﺌﺎﺕ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ 1899-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ 41 ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﯨﺮ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.

    ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻤﯘ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭼﺎﯕﭽﯜﻥ، ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ، ﮔﯘﺍﯕﺠﯘ، ﭼﯘﯕﭽﯩﯔ ﯞﻩ ﻟﻴﯘﺟﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺵ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﭼﺎﯕﭽﯜﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺟﯘﯕﮕﻮ 1-ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﯘﺭﯗﮬﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺷﺘﺎﺑﻰ ﭼﺎﯕﭽﯜﻧﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻤﯘ ﭼﺎﯕﭽﯜﻧﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﯞﻩ ﮔﯘﺍﯕﺠﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯘﺍﯕﺠﯘ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺟﺎﻱ. ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯘﺍﯕﺠﯘ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﺎﺭﻛﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﭼﯘﯕﭽﯩﯔ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺷﺘﺎﺑﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺟﺎﻱ. ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯧﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﺎﺭﻛﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺧﺎﺱ ﻣﺎﺭﻛﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﻟﻴﯘﺟﯘ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺗﯚﺕ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩﻙ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ «ﯞﯗﻟﯩﯔ ﺧﯘﯕﮕﯘﯞﺍﯓ»ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﻟﻴﯘﺟﯘ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ 1-ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ، ﺷﻪﺭﻕ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ، ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭ.

    ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺑﻪﺵ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺷﯩﻴﺎﻧﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺷﯩﻴﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ. ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺷﻪﺭﻕ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ. ﺷﯩﻴﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺟﯘﯕﮕﻮ 2-ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ (ﺷﻪﺭﻕ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ) ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻱ. 1969-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺷﯩﻴﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﺪﻯ. 2-ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﯘﺭﯗﮬﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺷﯩﻴﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺷﻪﺭﻕ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﺷﯩﻴﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، 2003- ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﺵ ﺷﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﯞﯗﺧﻪﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﯗﺧﻪﻧﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.

    «شىنخۇا تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى