• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺷﯩﻨﺠﺎڭدا ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﻩﺭﺑﻪ بېرلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:30 07-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    5- ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩنىشىچە، ﺑﯘ يىل كىرگەندىن ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﻜﻪ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ئۆستۈرگەن.

    ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 1-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 8-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ «ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ» ﻛﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ, ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﻯ.

    1-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 3-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻛﻮﭘﯩﺮﺍﺗﯩﭙﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﯩﺪﯨﻦ 45 ﻧﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻦ 22 ﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻛﻮﭘﯩﺮﺍﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻦ 193 ﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ; ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 7- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 9- ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻛﻮﭘﯩﺮﺍﺗﯩﭙﻠﯩﺮﻯ «ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ» ﻛﻪ ﯞﻩ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻛﻮﭘﯩﺮﺍﺗﯩﭙﻰ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﺩﻯ، ﺳﺎﮬﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﺎﻧﯘﻥ- ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﭘﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸغا ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

    ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﻛﯩﺮﯦﺪﯨﺖ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻛﻮﭘﯩﺮﺍﺗﯩﭙﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ ﺗﯩﺮﺍﻧﺴﭙﻮﺭﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺝ ﺥ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ﺗﺮﺍﻧﺴﭙﻮﺭﺕ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺷﺘﻰ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ﺗﻮﺷﯘﺵ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﯩﺮﺍﻧﺴﭙﻮﺭﺗﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺮﺍﻧﺴﭙﻮﺭﺕ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ.

    ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﭘﺎﺭﺗﮕﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ ﻳﯜ ﺧﯘﻩﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﻛﯜﭼﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﺵ ﻗﯧﺘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺑﺎﺯﯨﺮىنى ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺯﻩﺵ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﺩﺍ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ.

    ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺯﻩﺵ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ مۇستەھكەملەپ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ.

    «شىنخۇا تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى