• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاپېلسىن پوستىنىڭ شىپالىق رولى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:27 07-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئاپېلسىن پوستى بىر خىل جۇڭيى دورىسى بولۇپ، ھەر خىل دورىلىق رولى بار. تۆۋەندە ئاپېلسىن پوستى ئارقىلىق بىر نەچچە تۈرلۈك كېسەللىكنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز :

    ئاپېلسىن پوستى قەلەمپۇر چېيى: بۇ خىل چاي ئاشقازاننى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، ئاشقازان ئاغرىش ۋە ئاشقازاننى سوغۇق ئېلىپ كېتىشتىن بولىدىغان ھېق تۇتۇشنى داۋالايدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى : ئاپېلسىن پوستىدىن ئىككى گىرام، قەلەمپۇردىن ئۈچ گىرام ئېلىپ قايناق سۇدا دەملىنىپ تەييارلىنىدۇ ، بۇنىڭ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ، سوغۇقنى ھەيدەش ، ئاغرىقنى توختىتىش رولى بار .

    ئاپېلسىن پوستى چېيى: بۇ خىل چاي ئاشقازان كىسلاتاسى ئارتىپ كېتىشتىن پەيدا بولغان ئاشقازان كۆپۈش ياكى ئاشقازان ئاغرىشنى داۋالايدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى: يېڭى ئاپېلسىن پوستىدىن يېرىمنى ياكى قۇرۇق ئاپېلسىن پوستىدىن ئۈچ گىرام ئېلىپ ، قايناق سۇدا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بېرىلسە، ئاشقازان ئاغرىش ۋە كۆپۈشنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ .

    ئاپېلسىن پوستى زەنجىۋىل قارا شېكەر چېيى: بۇ خىل چاي سوغۇقتىن بولغان زۇكامنى داۋالايدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاپېلسىن پوستىدىن بىرنى، زەنجىۋىلدىن بەش پارچە، مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەرنى قايناق سۇدا دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرگەندە سوغۇقنى ھەيدەپ ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ بەلغەمنى ھەيدەيدۇ .

    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى