• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻪﺭﺯ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ 90 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯜﻩﻥ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:52 07-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



    6- ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩنىشىچە، 2012- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2016-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ، ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ (ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ) ﺩﯨﻦ 425 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡﻗﯧﺘﯩﻤﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ 700 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻪﺭﺯ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ 94 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 893 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯔ %13.59 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ.

    6-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ 18-ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ.

    ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺟﺎﯞ ﺟﻴﻪﻧﺠﯜﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ، ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺗﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ، «ﺋﯜﭺ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﺎﭘﻼﺵ» ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﻟﺪﻯ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﺎﭘﻼﻧﺪﻯ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻡ ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﺎﭘﻼﻧﺪﻯ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﺎﭘﻼﻧﺪﻯ.

    ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، 2012- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2016-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ، ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ (ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ) ﺩﯨﻦ 425 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥﻗﯧﺘﯩﻢ (ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ) ﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﻮﻣﻤﺎ 698 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 152 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ.

    ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ 23 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 899 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ، ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ 85 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 581 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ 62 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 285 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ 162 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 120 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ 364 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 262 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

    ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ: 2012-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2016- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ، ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻪﺭﺯ ﭘﯘﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻠﻪﺭ 220 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 90 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ, ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯔ %31.52 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ.

    ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻪﺭﺯ ﭘﯘﻟﻰ 94 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 893 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯔ %13.59 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯ 2012-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ 14 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 903 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﺪﯨﻦ 2016-ﻳﯩﻠﻰ 26 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 321 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ، %76.62 ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %15.28 ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

    ﺟﺎﯞ ﺟﻴﻪﻧﺠﯜﻥ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ: ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺭﺍﻣﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺷﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﯨﻤﻰ ﻛﯜﭼﻪﭖ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.

    «شىنخۇا تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى