• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﭘﻪﺭﯨﺨﻪ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﯩﺲ ﻣﯧﺪﺍﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:49 07-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    13-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯘﺳﻠﯘﺏ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ 75 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﯜﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﺲ ﻣﯧﺪﺍﻝ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ 6-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ.

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﭘﻪﺭﯨﺨﻪ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﯩﭗ، ﻣﯩﺲ ﻣﯧﺪﺍﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﯘ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯧﺪﺍﻝ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﻣﯧﺪﺍﻝ, 12 ﻣﯩﺲ ﻣﯧﺪﺍﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﺨﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ 0:2 ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯧﻴﻠﯘﯕﺠﻴﺎﯓ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﺮﻯ ﻳﯜ ﺧﺎﯕﻨﻰ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ 2:5 ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﻴﺎﯞﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﺮﻯ ﺟﺎﯓ ﻓﯧﯖﻠﻴﯘﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﭗ، ﻣﯩﺲ ﻣﯧﺪﺍﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺷﯩﺨﯘﻟﯘﻕ ﭘﻪﺭﯨﺨﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﻣﻪﻥ 14 ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﯨﻢ. 2008-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﺍ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻣﻪﺷﯩﻘﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. 2010-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺟﻮﺩﯗ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ. 2013-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﻟﻼﻧﺪﯨﻢ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.

    ﭘﻪﺭﯨﺨﻪ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، 2014-ﻳﯩﻠﻰ، 2015-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻟﻪﯞﮬﻪ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ، ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻟﻪﯞﮬﻪ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﺩﺍ ﭼﯧﻤﭙﯩﻴﻮﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. 2016-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﻗﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، 2017-ﻳﯩﻠﻰ 15-ﻣﺎﻱ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 2017-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﻟﻪﯞﮬﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯧﻤﭙﯩﻴﻮﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

    «شىنخۇا تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى