• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:43 07-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1999- ﻳﯩﻠﻰ 29- ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﺘﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﺴﻰ ﻧﯧﻜﻮﻻﻱ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ 18 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ «ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﺸﻰ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺳﻪﻳﻠﻰ ﻛﯧﻤﯩﺴﻰ Dannebrog ﺩﺍ ﭼﻮﯓ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﻧﯧﻜﻮﻻﻱ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﺯﯨﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻧﯧﻜﻮﻻﻱ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ.

    ﭼﻪت ﺌﻪﻝ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻟﯩﺮﻯ ﺑﻪﺱ- ﺑﻪﺳﺘﻪ ﻧﯧﻜﻮﻻﻱ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﻨﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺩﻩﭖ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﺴﻰ ﺧﯧﻨﺮﯨﻲ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﻣﺎﺭﻛﻠﯥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﺴﻰ ﻧﯧﻜﻮﻻﻱ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    ﺷﺎﮬﺰﺍﺩە نېكۇلاي ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻳﻠﯘﻕ، ﺑﯜﺩﺭﻩ ﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 7- ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ.

    ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺟﻮﺋﺎﭼﯩﻢ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻧﯧﻜﻮﻻﻱ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﻮﺋﺎﭼﯩﻢ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ: ﻧﯧﻜﻮﻻﻱ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﺪﺍ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.

    ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﯩﻨﻰ، ﻧﯧﻜﻮﻻﻱ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﯞﯦﻦ ﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻧﯧﻜﻮﻻﻱ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﯞﯦﻦ ﻳﺎﻟﻰ 1964-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯕﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﺎﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ. ﯞﯦﻦ ﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ، ﺟﯘﯕﮕﻮ، ﭘﻮﻟﺸﺎ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﯨﻴﻪ ﻗﺎﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯕﻠﯩﻖ ﺑﺎﻧﻜﯩﺮ. ﺟﻮﺋﺎﭼﯩﻢ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ 1994-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯕﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﯞﯦﻦ ﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﯧﺰﻻ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﻮﺋﺎﭼﯩﻢ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ ﯞﯦﻦ ﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﻰ، 2005-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﯧﻜﻮﻻﻱ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.

    «شىنخۇا تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى