• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻳﯩﻼﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:34 07-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺩﺍﻏﻠﯩﻖ ﺳﯜﻛﯜﺗﻜﻪ ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻼ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﯩﻼﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻳﯩﻼﻥ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﮬﻪﻡ ﺯﻩﮬﻪﺭﺳﯩﺰ.

    ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﯩﻼﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1929- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺳﺘﯧﺠﻨﯧﮕﯧﺮ ﺳﯩﭽﯘﻩﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺋﻪﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 30 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ.

    1980-، 1987- ﯞﻩ 1988- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺩﺍﻏﻠﯩﻖ ﺳﯜﻛﯜﺗﻜﻪ ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﻨﻰ ئىلگىرى- كېيىن ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯧﭙﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﯜﺭ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﺎﻻﺵ- ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ.

    ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﻪﺳﻰ ﭼﯧﯖﺪﯗ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺩﺍﻏﻠﯩﻖ ﺳﯜﻛﯜﺗﻜﻪ ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.

    ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﭼﯧﯖﺪﯗ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺩﯨﯔ ﻟﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺩﺍﻏﻠﯩﻖ ﺳﯜﻛﯜﺗﻜﻪ ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯩﺨﯘﺍ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ، ﺳﯩﭽﯘﻩﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺩﺍﻏﻠﯩﻖ ﺳﯜﻛﯜﺗﻜﻪ ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﺘﻪﻙ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺧﯘﻣﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﺶ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

    ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺩﺍﻏﻠﯩﻖ ﺳﯜﻛﯜﺗﻜﻪ ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺟﯩﻢ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﺩﯨﯔ ﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﺯﻩﮬﻪﺭﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﯩﻼﻥ ﺋﯚﻣﯩﻠﻪﺵ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻣﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﻟﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻳﯟﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

    «شىنخۇا تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى