• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسى ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:02 07-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-سېنتەبىر، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خەلقئاراچە چېلىشىش تۈرىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن خۇش خەۋەرلەر كەلدى. ئەرلەر قەدىمچە چېلىشىش 59 كىلوگراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە شىنجاڭ كوماندىسى ماھىرى تۆرباتۇر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. بۇ، شىنجاڭنىڭ 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېلىشىش تۈرىدە چېمپىيون بولۇپ 30 يىلدىن كېيىن يەنە چېلىشىش تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ۋاقىتقا قەدەر شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بەش ئالتۇن مېدال، ئالتە كۈمۈش مېدال، توققۇز مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجە ياراتتى.

    بۈگۈن شىنجاڭغا ۋەكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان باشقا تۆت ماھىرمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەرلەر قەدىمچە چېلىشىش تۈرى 59 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە ۋەلىقان سېرىك مىس مېدالغا، ئەرلەر قەدىمچە چېلىشىش تۈرى 85 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە ھەسەن ئەيسا كۈمۈش مېدالغا، ئابدۇسەمى ھېكىم مىس مېدالغا ئېرىشتى، ئەرلەر قەدىمچە چېلىشىش تۈرى 66 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە جان نۇرلانقان 5- لىككە ئېرىشتى.

    رېپىر تۆرباتۇرنىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ يەڭگەنلىكىنى جاكارلاش بىلەن تەڭ، شىنجاڭ ئۈچۈن مەدەت بېرىۋاتقان تاماشىبىنلار چۇقان سېلىپ ئالقىشلىدى، مۇسابىقە مەيدانىدىكى تۆرباتۇرمۇ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ، قەلبىدىكى خۇشاللىقى ۋە ھاياجانىنى باسالمىدى.

    ھازىر ئالتايدا ئاساسىي قاتلام چېلىشىش تىرېنېرىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۆمۈربەك مۇنداق دېدى: مەن بەك خۇشال بولدۇم، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەجرى بىكارغا كەتمىدى، بۇندىن كېيىن مەن شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياخشى مايسىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىمەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى