• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:00 06-09-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﻰ خەۋىرى: ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﻜﺎﻧﻨﯧﺮﻻﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: X ﻧﯘﺭ. ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ S ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﻪ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ 20 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﺮ ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﻧﯘﺭ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻪﻟﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻼﺭ ﻧﯘﺭ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯩﻴﯩﻨﺮﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

    ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍ ﻧﯘﺭﻏﺎ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻧﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘ، ﻛﺎﻣﯧﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ئېلىپ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

    ﮔﯩﯟ ﺋﯩﺪﯨﻨﺒﯘﺭﮒ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﻛﯧﯟ ﺩﺍﻟﯩﯟﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺳﺎﮬﻪﺳﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻏﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭ.

    ﺋﯧﺪﯨﻨﺒﯘﺭﮒ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﺭﯨﻴﯟﺍﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﺎﺭﺭﯨﻴﯟﺍﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﻣﯩﺸﺎﻝ ﺗﺎﻧﻨﯧﺮﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍ ﻛﻠﯩﻨﯩﻜﺎ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى