• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئايال مەرگەنلىرىمىز مىس مېدالغا ئېرىشتى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 18:21 06-09-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مەملىكەتلىك 13– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 9– ئاينىڭ 3– كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ كوللېكتىپ ئوقيا ئېتىش تۈرىدە ئەن چىشۈەن، با خۇڭلىڭ، لى شىنشىن قاتارلىق ماھىرلاردىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ئاياللار ئوقيا ئوقيا ئېتىش كوماندىسى مىس مېدالغا ئېرىشتى.

    شىنجاڭ ئاياللار ئوقيا ئېتىش كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ كوللېكتىپ تۈرىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى. بولۇپمۇ 9– ئاينىڭ 2– كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 6 دە 2 نەتىجە بىلەن رەت تەرتىپ مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئىزچىل 1–ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان كۈچلۈك رەقىبى جياڭسۇ كوماندىسىنى شاللىۋېتىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەندىن كېيىن، ماھىرلىرىمىزنىڭ مېدال ئېلىش ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچەيدى. 9–ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ياش ماھىرلار دەسلەپكى ۋاقىتلاردا يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، رەقىبى بېيجىڭ كوماندىسىغا كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلدى ھەم ئومۇمىي نومۇردا ئىزچىل ئالدىدا ماڭدى. ئەمما بېيجىڭ كوماندىسى 2– قېتىملىق ئېتىشىشتا 53 تە 53 ھالقىلىق نەتىجە بىلەن 1 نومۇرغا ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن، 3 –، 4– قېتىملىق ئوقيا ئېتىشتا ماھىرلىرىمىز سەل جىددىيلىشىپ، سەۋىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىدى ھەم 52 دە 54 ۋە 53 تە 56 ھالقىلىق نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئالتۇن مېدالنى تالىشىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالدى. ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن سەنشى كوماندىسى بىلەن بولغان 3– لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق ماھىرلار بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئاياللارنىڭ ئوقيا ئېتىش يەككە تۈرىدە 1– ، 2– لىككە ئېرىشكەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ماھىرلاردىن تەشكىللەنگەن سەنشى كوماندىسى ئالدىدا قىلچە تەمتىرىمەي، 55 تە 52، 53تە 51، 53 تە 49 ھالقىلىق نەتىجە بىلەن رەقىبىنى 3 تە 0 قىلىپ يېڭىپ، شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن قىممەتلىك بىر مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

    « تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى